ھىيلىگەر مېكىياننىڭ ئاقىۋىتى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر ئادەمنىڭ ئاق ۋە قارا ئىككى مېكىيىنى بار ئىكەن. ئاق مېكىيان تۇغۇمچى، قارا مېكىيان تۇغماس ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە، بۇ ئادەم تۇغماس قارا مېكىياننى ئۆلتۈرۈپ يېيىش توغرۇلۇق ئۆيىدىكىلەر بىلەن مەسلىھەتلىشىپتۇ. ھويلىدا دانلاپ يۈرگەن قارا مېكىيان بۇ مەسلىھەتنى ئاڭلاپ قاپتۇ - دە، قورققىنىدىن تىترەپ كېتىپتۇ ۋە كۆڭلىگە بىر ئىشنى پۈكۈپتۇ.
ئەتىسى، ئاق مېكىيان تۇغۇپ بولغاندا، قارا مېكىيان ئۇنى چوقۇپ ھەيدىۋېتىپ، تۇخۇمنى ئۆزى بېسىپ يېتىۋاپتۇ. ئۆي ئىگىسى قارا مېكىياننى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن كىرگەندە قارا مېكىيان ئورنىدىن تۇرۇپ قاقاقلاشقا باشلاپتۇ. ئۆي ئىگىسى تۇخۇمنى كۆرۈپ، قارا مېكىياننى ئۆلتۈرۈش نىيىتىدىن يېنىپتۇ. شۇ كۈندىن ئېتىبارەن، ئاق مېكىيان تۇغماس بولۇپ قاپتۇ. بىر نەچچە ئاي ئۆتكەندىن كېيىن ئۆ ئىگىسى ئېھتىياج تۈپەيلى، ئاق مېكىياننى تام قوشنا بىرىگە سېتىۋېتىپتۇ.
شۇ كۈندىن باشلاپ قارا مېكىيان تۇغماس بولۇپ قاپتۇ، ئەمما ئاق مېكىيان قوشنىسىنىڭ ئۆيىگە سېتىلىپ چىققاندىن كېيىن، تۇغۇشنى باشلاپتۇ. ئۆي ئىگىسى ئەھۋالنى چۈشىنىپ، ئالدانغىنىغا پۇشايمان قىپتۇ - دە، قارا مېكىياننى ئۆلتۈرۈپ ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن يەۋېتىپتۇ.