UyghurWiki
UyghurWikiماسالبولسا...

بولسا...

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى قاپقانغا چۈشۈپ قالغان كەپتەر ئاچچىقىدا كايىشقا باشلاپتۇ: - لەنىتى پۇتلىرىم، سىلەر بۇ يەرگە قونمىغان بولساڭلار... پۇتلىرى دەپتۇ: - سېنىڭ نەپسىڭ تاقىلداپ ئاشۇ دانلارغا ئىنتىلمىگەن بولسا... نەپسى دەپتۇ: - سېنىڭ كۆزۈڭ دانلارنى كۆرمىگەن بولسا... كۆزلەر دەپتۇ: - قاناتلىرىڭ بىزنى بۇ يەرگە ئۇچۇرۇپ كەلمىگەن بولسا... قاناتلار دەپتۇ: - ئاشقازىنىڭ تاراقلاپ بىزنى مەجبۇرلىمىغان بولسا... ئاشقازان دەپتۇ: - يۈرىكىڭ ئوزۇقلۇق تەلەپ قىلمىغان بولسا... - بولدى، ھەممىڭلاردا گۇناھ يوق، - دەپتۇ مېڭە ئاستاغىنا، - ئەگەر ئىگىمىز ئۆز ۋاقتىدا دان بەرگەن بولسا...
← بارلىق تېمىلار ماسال