UyghurWiki
UyghurWikiماسالقارىغۇ ۋە رەڭ

قارىغۇ ۋە رەڭ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر قارىغۇ كىشى بولۇپ، ئۇ باشقىلارنىڭ رەڭ ھەققىدە بەس - مۇنازىرە قىلغىنىنى ئاڭلىغان ھامان، ئۆزىنىڭ ئەقىللىقلىقىنى كۆز - كۆز قىلىپ تەڭ گەپكە ئارىلىشىدىكەن. باشقىلار ئۇنىڭغا: >سىز رەڭنى كۆرمىگەن بولغاندىكىن، بىزنىڭ پارىڭىمىزغا ئارىلاشمىسىڭىزمۇ بولاتتى< دېسە، قارىغۇ قايىل بولماي: >ھىم، مەن رەڭنى كۆرمىگەنلىكىم ئۈچۈنلا، ئۇنىڭ قانداقلىقىنى بىلمەمدىم؟ بۇ بىلگىلى بولمىغۇدەك ئانچە سىرلىق نەرسە ئەمەس، رەڭ دېگەن ئاچچىق ئەمەس، بەلكى تاتلىق نەرسە< دەپتۇ. كۆپچىلىكنىڭ پىخىلداپ كۈلگىنىنى ئاڭلىغان قارىغۇ دەرھال گېپىنى ئۆزگەرتىپ: >ياق، ئۇ تۆت چاسا ئەمەس، يۇمىلاق< دەپتۇ. بۇ گەپنى ئاڭلىغان كۆپچىلىك ئاخىر ئاۋازىنى قويۇۋېتىپ كۈلۈپ ساپتۇ. بۇنىڭدىن جىلە بولغان قارىغۇ دەرھال قوشۇمچە قىلىپ: >ياكى بولمىسا قاتتىق ئەمەس، يۇمشاق< دەپتۇ. كۆپچىلىك تېخىمۇ بەك كۈلۈپ كېتىپتۇ. قارىغۇ ئاچچىقى كەلگىنىدىن ۋارقىراپ: >ئۇنداق بولسا، خۇش پۇراق ئەمەس، سېسىق< دەپتۇ. كۆپچىلىك ئۆزىنى توختىتىۋالالماي ئۈچەيلىرى ئۈزۈلگۈدەك كۈلۈشۈپتۇ. قارىغۇ توساتتىن: >ھە، ئەمدى بىلدىم، ئەسلىدە ئۇ ناھايىتى جاراڭلىق ئاڭلىنىدىغان نەرسە ئىكەن< دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال