ھىيلىگەر تۈلكىنىڭ قاپقانغا چۈشۈشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئەتراپنى ئېگىز - ئېگىز تېرەكلەر، ياپيېشىل مەجنۇنتاللار ئوراپ تۇرىدىغان كۆل بويىدا بىر بوۋاي ياشايدىكەن. ئۇنىڭ نۇرغۇن ئۆردەك، توخۇلىرى بولۇپ، شۇ ئەتراپتا دانلايدىكەن. كۈنلەردىن كۈن ئۆتۈپ بۇ يەرگە بىر قېرى تۈلكە كېلىپ قاپتۇ. ئۇ ھەر كۈنى توخۇ، ئۆردەكلەردىن تۇتۇپ يېيىشكە باشلاپتۇ. غەزىپى ئۆرلىگەن بوۋاي تۈلكىنى يوقاتماقچى بولۇپ، ئۇنىڭ يولىغا قاپقان قويۇپتۇ، لېكىن ماراپ تۇرغان تۈلكە بۇنى كۆرۈپ قاپتۇ - دە، كۆڭلىگە بىر شۇملۇقنى پۈكۈپ ئورمانلىققا يول ئاپتۇ.
تۈلكە ئۇزۇن يول يۈرۈپ، بىخۇدۇك ئۇخلاۋاتقان بۆرىنى تېپىپتۇ:
- بۆرە ئاكا، كۆزلىرىنى ئاچسىلا، سىلىگە بىر خۇش خەۋەرنى ئېيتىمەن، - دەپتۇ. بۆرە ئېرىنچەكلىك بىلەن خۇمارلاشقان كۆزلىرىنى قىيا ئېچىپ، ئالدىدا تىلىنى بىر چارەك ساڭگىلىتىپ، ئالدى ئىككى پۇتى بىلەن يەرنى تايىنىپ ئولتۇرغان تۈلكىنى كۆرۈپ:
- ھە، نېمە خۇش خەۋەر؟ تىلىڭنى چاينىماي تېز ئېيت! - دەپتۇ.
- مۇشۇ ئورمانلىقنىڭ نېرىسىدا بىر توپ ناھايىتى سېمىز قوزىلار ئوتلاپ يۈرۈيدۇ. بىرەر - ئىككىنى كەچلىك غىزادا مەززە قىلمايلىمۇ؟ - دەپتۇ تۈلكە.
قورسىقى تويسىمۇ كۆزى تويمايدىغان يىرتقۇچ بۆرىگە بۇ گەپ تازا يېقىپتۇ - دە:
- قېنى، باشلا - دەپتۇ.
مەككار تۈلكە كېتىۋېتىپ: بۇ ئەخمەقنى قاپقانغا چۈشۈرۈپ ئىككى ئاپەتتىن بىراقلا قۇتۇلىدىغان بولدۇم، دەپ ئويلاپ، ئىچىدە كۈلۈپ قويۇپتۇ.
ئۇلار كۆل بويىغا يېقىنلاپ كەپتۇ، ئەمما تۈلكە قاپقاننىڭ قەيەردىلىكىنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۇيان - بۇيانغا قاراپتۇ.
- قېنى سېمىز قوزىلار؟ - دەپ سوراپتۇ بۆرە.
- مۇشۇ ئەتراپتا، - دەپلا ھودۇقۇپ كەتكەن تۈلكە مېڭىشقا باشلاپتۇ. ئۇ: بۇ ئەخمەقنى ئايلاندۇرۇپ يۈرسەم قاپقانغا چۈشىدۇ، دەپ ئويلاپ كېتىۋاتقاندا >تاق!< قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ ئۆزى قاپقانغا چۈشۈپ قاپتۇ - دە:
- مېنى قۇتۇلدۇرسىلا، بۆرە ئاكا، - دەپ يالۋۇرۇپتۇ. بۇ چاغدا بۆرە ئاللىقاچان تىكىۋەتكەنىكەن.
بوۋاي تۈلكىنى سويۇپ تېرىسىنى سېتىپ زىياننى تۆلىۋاپتۇ.
>تۈلكە ھەر قانچە ھىيلىگەر بولسىمۇ، تېرىسى بازاردا سېتىلىدۇ< دېگەن تەمسىل شۇنىڭدىن قالغانىكەن.