UyghurWiki
UyghurWikiماسالمۇز بىلەن سۇ

مۇز بىلەن سۇ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر پارچە مۇز ناھايىتى كۆرەڭلىگەن ھالدا سۇغا قاراپ: - سېنىڭ قىلچە جاسارىتىڭ يوق ئىكەن، كىچىككىنە شامال چىقسا داۋالغۇپ، بىر ئىزىڭدا تۇرالمايدىكەنسەن. مەنچۇ، قانداق يەردە تۇرسام، خۇددى تاشتەك قاتتىق ھالەتتە تۇرىمەن، - دېدى. بىردەمدىن كېيىن كۈن چىقتى. كۆرەڭلىگەن مۇز ئاستا - ئاستا ئېرىشكە باشلىدى. بۇ چاغدا سۇ ئېرىپ كېتىۋاتقان مۇزغا قاراپ: - تاشقى كۆرۈنۈش ئۆزگەرسە قورقۇنچلۇق ئەمەس، ئەڭ قورقۇنچلۇقى، ئىچكى ماھىيەتنىڭ ئۆزگىرىشى - دېدى.
← بارلىق تېمىلار ماسال