گىلاس بىلەن چىلان
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر يىلى باغ ئىچىدە،
مەشرەپ قىلدى مېۋىلەر.
ئۆرۈك، شاپتۇل، ئالگىرات،
گىلاس، چىلان بىھىلەر.
مېۋىسىنى ھەر قايسى،
ئېلىپ كەلدى سورۇنغا.
تىزدى لېگەن - تەخسىنى،
ئۆزىگە لايىق ئورۇنغا.
ئولتۇرۇشتى رەتمۇ رەت،
قوشماق دوستلار، ئۈلپەتلەر.
چاقنايدىكەن قارىسا،
داستىخاندا نېمەتلەر.
زوقلىنىشتى ھەر بىرى،
- ئېغىز تېگىڭ، - دېيىشتى،
كۆڭلى تارتقان مېۋىدىن.
كۆرۈپ قىزىل گىلاسنى،
- ياخشى، - دېدى چوڭ - كىچىك.
- ئۇ شىپادۇر كېسەلگە،
تەمى بەلەن ھەم چۈچۈك.
يېمەك بولۇپ تالىشىپ،
قولغا ئالدى ھەممىسى.
لېكىن، شۇ چاغ چىلاننىڭ -
تۈگەپ قالدى سەۋرىسى.
كۈشەندە، دەپ كۆڭلىدە،
كۆرەلمەستىن گىلاسنى.
ئۇرۇندى ئۇ تاشلاشقا،
تۆھمەت ئوتى - قوقاسنى.
بىر ئالىيىپ، دېدى ئۇ،
پۈرۈشتۈرۈپ ئاغزىنى:
- كىم چاقىردى سورۇنغا،
سەندەك ئاچچىق - لاۋزىنى.
سېنىڭدىكى قىزىللىق،
ئەسلى مېنىڭ رەڭگىمغۇ.
مېنى تەملىك ياراتقان،
شۇ قۇدرەتلىك تەڭرىمغۇ.
سامان نەرخى مونچىقىڭ،
تولدۇرسىمۇ كۆكسۈڭنى.
ئوغرىلاپسەن ھېيىقماي،
مېنىڭ چىراي - ھۆسنۈمنى.
شىلدىر - شىلدىر قىلىسەن،
ياپرىقىڭ جىق كۆرۈمسىز.
مەن بىلەن تەڭ بولۇشنى،
كىم قويدى - ھە، ئېيتقىن تېز!
ماڭا سايە چۈشۈرمە،
ئولتۇرمىغىن كۆز قىسىپ.
بۈگۈنكى چوڭ سورۇنغا،
سەن ئەمەس، مەن مۇناسىپ.
بۇ ئاھانەت گىلاسقا،
كەلدى شۇدەم بەك ئېغىر.
غەشلىك قاپلاپ كۆڭلىنى،
ئورىۋالدى تۇمان - كىر.
ئاڭلاپ قالدى باشقىلار،
چىلاننىڭ گەپ - سۆزىنى.
ياقا تۇتۇپ >تۆۋە!<دەپ،
چىمىرلاتتى كۆزىنى.
كېلىپ قالدى ئاشۇ چاغ،
ئاغرىق بوۋاي سورۇنغا.
- گىلاس بارمۇ؟ - سورىدى، -
سېلىۋالاي قوينۇمغا.
ئىزدەپ ئاشۇ مېۋىنى،
باردىم بۈگۈن كۆپ يەرگە.
باشقا جايدا يوق ئىكەن،
ئۇ ياراشقان بۇ ئەلگە.
- گىلاس بىلەن ئوخشايدۇ،
شېرىن - شەربەت مۇراببا.
بىلمەك بولساڭ تەمىنى،
سەن قاچاڭنى ئېلىپ بار...
تەرىپلىدى شۇنداق دەپ،
گىلاسنى كۆپ، مېۋىلەر.
بېشى چۈشتى چىلاننىڭ،
ئەمدى ئۇڭا نېمە دەر؟
ساپاق - ساپاق گىلاسنى،
سالدى بوۋاي سېۋەتكە.
دېدى: - ئامراق خېرىدار،
پەزىلەتكە - خىسلەتكە.