بوۋاينىڭ دوست ئىزدىشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇرۇن بىر بوۋاي ئۆتكەنىكەن، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ئۆزىگە كەمچىلىكى يوق دوست تاپماقچى بولسىمۇ، تاكى چېچى ئاقىرىپ كەتكۈچە بۇنداق ئادەمنى تاپالماپتۇ. ئۇ: ھايۋانات دۇنياسىدىن كۆڭلۈمدىكىدەك بىرەر دوست تېپىۋالسام ئەجەپ ئەمەس، دەپ ئويلاپتۇ - دە، چوڭ ئورمانغا قاراپ يول ئاپتۇ.
بوۋاينىڭ دوست ئىزدەپ كەلگەنلىكىنى ئاڭلىغان ھايۋانلارنىڭ ھەممىسى ئۇنى بەس - بەستە قارشى ئاپتۇ.
- ئىككىمىز دوست بۇلايلى، - دەپتۇ مايمۇن يېڭىلا ئۈزگەن قىپقىزىل يوغان شاپتۇلنى بوۋايغا ئۇزىتىپ، - مەن ھەر كۈنى سىزگە ياۋا مېۋىلەرنى ئۈزۈپ بېرىمەن!
- بولمايدۇ! سېنىڭ بىر كەمچىلىكىڭ - ھايۋانلار ئىچىدە ئەڭ كەپسىز سەن، - دەپتۇ بوۋاي بېشىنى چايقاپ.
- ئىككىمىز دوست بولايلى! مەن ھەر كۈنى سىزگە ياردەملىشىپ ئېغىر ئەمگەكلەرنى قىلىشىپ بېرىمەن، - دەپتۇ چوڭ پىل قىزغىن ھالدا ئۇزۇن خارتۇمىنى سوزۇپ بوۋاي بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ.
- ياق! دەپتۇ بوۋاي ئالدىراپ - تېنەپ قولىنى ئارقىسىغا يوشۇرۇپ، - سېنىڭ بىر كەمچىلىكىڭ - مىجەزىڭ بەك چۇس، ئاچچىقىڭ كەلسە كۆزۈڭگە ھېچ نەرسە كۆرۈنمەيدۇ.
- توز قانات - قۇيرۇقلىرىنى كېرىپ، پىرقىراپ ئۇسسۇل ئويناپ:
- ئىككىمىز دوست بولايلى، - مەن ھەر كۈنى سىزگە ئۇسسۇل ئويناپ بېرىمەن، - دەپتۇ.
- بولمايدۇ! - دەپتۇ بوۋاي توزغا قاراپمۇ قويماي، - سېنىڭ بىر كەمچىلىكىڭ - سەن ئەتىدىن كەچكىچە باشقىلار بىلەن گۈزەللىك تالىشىپ، ئۆزۈڭنىڭ گۈزەللىكىنى ماختايسەن.
- سىلەر ئادەمزاتلارنىڭ >كەمچىلىكى يوق دوست ئىزدەيدىغان كىشىنىڭ دوستى بولمايدۇ< دېگەن بىر سۆزۈڭلار بارغۇ، - دەپتۇ تاقەتسىزلەنگەن جىگدىچۈك، - سىز ئەمدى قايتىپ بېرىپ يەنە يەككە - يېگانە ياشاۋېرىڭ. بىزنىڭ بۇ يەردىن كۆڭلىڭىزدىكىدەك دوستنى مەڭگۈ تاپالمايسىز.
ئۇنىڭ سۆزى تۈگىشى بىلەن ھايۋانلار گۈررىدە تارقىشىپ كېتىپتۇ.
كېيىن بىلىملىك، ئاق كۆڭۈل بىر كىشى بوۋايغا:
- باشقىلاردىن بىر ئازمۇ كەمچىلىكى بولماسلىقنى تەلەپ قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مۇھىمى، باشقىلارنىڭ كەمچىلىكىنى تۈزىتىۋېلىشىغا قىزغىنلىق بىلەن ياردەم بېرىش كېرەك، - دەپتۇ.