UyghurWiki
UyghurWikiماسالگۈل بىلەن ئاي

گۈل بىلەن ئاي

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ھەممە ياقنى سۈتتەك يورۇتۇپ، زېمىن گۈزەللىكىنى تاماشا قىلىۋاتقان تۈن پەرىسى - تولۇن ئاي ئاسماندا كېتىۋېتىپ، يەردە پورەكلەپ ئېچىلغان بىر قىزىلگۈلنى كۆرۈپتۇ - دە، ئۇنىڭ چىرايلىقلىقىغا ھەيران قاپتۇ. تولۇن ئاي قىزىلگۈلگە مەھلىيا بولۇپ، ئۇنىڭ زىلۋا قەددى - قامىتىنى، كۈلۈمسىرەپ تۇرغان نازاكەتلىك جامالىنى بىر ھازاغىچە كۆزدىن كەچۈرگەندىن كېيىن ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدىن بىر ئەيىبنى سېزىپتۇ. - سەن ھەقىقەتەن ھۆسن - جامالى كېلىشكەن بىر ئۆسۈملۈك ئىكەنسەن، - دەپتۇ تولۇن ئاي قىزىلگۈلگە قايىللىق بىلەن، - بىراق تېنىڭ تىكەنلىك ئىكەن. - توغرا، - دەپتۇ قىزىلگۈل ئېتىراپ قىلىپ، - مەندە سەن دېگەن نۇقسان بار، ئەمما شۇنى بىلىشىڭ لازىمكى، دۇنيادا كەمچىلىكسىز ھېچقانداق نەرسە يوق. ئۆزۈڭنى مىسالغا ئالسام، سەن شۇنچە ئاپئاق ۋە يېقىملىق بولساڭمۇ، لېكىن يۈزۈڭدە داغ بار ئەمەسمۇ؟ تولۇن ئاي ئۇنىڭ سۆزىگە قايىل بوپتۇ ۋە قىزىلگۈل بىلەن ئوچۇق - يورۇق ھالدا خوشلىشىپ، ئۆز يولىنى داۋام ئەتتۈرۈپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال