پىداكار قارىغۇجا
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر مۇنچەقۇشلار ھەر كۈنى تاڭ يورۇش بىلەنلا ئېتىزلارغا ئۇچۇپ بارىدىكەن ـ دە، زىرائەتلەرنىڭ كۈشەندىسى بولغان ھەر خىل چېكەتكىلەرنى يەيدىكەن. باشقاقۇشلار قورسىقىنى تويدۇرۇۋالغاندىن كېيىنلا دەرەخ شاخلىرىغا قونۇۋېلىپ ياكى ئوت - چۆپلەرنىڭ ئارىسىغا كىرىۋېلىپ راھاتلىنىپ يېتىشىدىكەن، لېكىن قارىغۇجا ئۇنداق قىلمايدىكەن. قورسىقى تويۇپ كەتكەندىن كېيىنمۇ چېكەتكىلەرنى توختىماي قىرىۋېرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۇچلۇق، ئۆتكۈر تۇمشۇقلىرى خۇددى قايچىدا قەغەز قىيغاندەك چېكەتكىلەرنى شۇنداق چەبدەسلىك بىلەن ئىككى پارچە قىلىپ تاشلايدىكەن. ئۇ شۇ تەرىقىدە پىداكارلىق بىلەن ئىشلەۋەرگەچكە، چېكەتكىلەرنىڭ مېيى ئىككى جاۋغىيىغا يېلىمدەك چاپلىشىپ، ئاغزى ئېچىلماي قالىدىكەن، لېكىن ئۇ دەرھال سۇ بويىغا بېرىپ تۇمشۇقىنى ئوبدان يۇيۇپ، ئاغزىنى چايقىۋېتىپ كەلگەندىن كېيىن يەنە چېكەتكىنى قىرىدىكەن. بۇنىڭدىن ئىچى پۇشقان باشقا قۇشلار:
- نېمانچە جاپا چېكىسەن، قورسىقىڭ تويغاندىن كېيىن بولدى ئەمەسمۇ؟ بىزدەك راھەتلىنىپ ئارام ئالساڭچۇ! - دېيىشىپتۇ.
قارىغۇجا ئىپتىخارلىق بىلەن مىيىقىدا كۈلۈپ قويۇپ، مۇنداق جاۋاب بېرىپتۇ:
- قورساقنى تويدۇرۇۋېلىپلا ئىش قىلماي يېتىش نومۇس ئەمەسمۇ؟ مەن قورساق تويدۇرۇش ئۈچۈنلا ئەمەس، بەلكى تەر تۆكۈش، ئەمگەك قىلىش ئۈچۈن، ئىنسانىيەتكە ياخشى ئىش قىلىپ بېرىش ئۈچۈن ياشايمەن!