UyghurWiki
UyghurWikiماسالچىۋىن بىلەن چۈمۈلە

چىۋىن بىلەن چۈمۈلە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى چۈمۈلىنى كۆرۈپلا، كۈلدى چىۋىن گىژىلداپ: - ئاۋارىسەن بىچارە، كۈندە شۇنداق مىتىلداپ. تاشلا ئېغىر يۈكۈڭنى، دوست بولۇۋال مەن بىلەن. مول داستىخان شاھىمەن، باقاي سېنى قەنت بىلەن. دېدى كۈلۈپ چۈمۈلە: - تاڭما يامان ئىللەتنى، ھالال تەردىن تاپىمەن، ھاياتىمغا لەززەتنى. چىۋىن دېدى: - بىلمىدىڭ، ئىززەت قىلسام قاپاقباش. ئىگە بولسام تەييارغا، ھەسەت قىلما تۆكۈپ ياش. يۈك كۆتۈرۈپ چۈمۈلە، كۈلۈپ مەغرۇر يول سالدى. چىۋىن تامدا ئولتۇرۇپ، ئۇنى مازاق قىپقالدى. ئۇچۇپ كىرىپ بىر ئۆيگە، يېمەك بولدى شىرنىنى. پالاق تېگىپ شۇ ھامان، ئالدى ئۇنىڭ جېنىنى.
← بارلىق تېمىلار ماسال
چىۋىن بىلەن چۈمۈلە | UyghurWiki | UyghurWiki