كالا سېغىش
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر خوجايىن ئائىلىسىدە بىر سېغىن كالا بېقىپتۇ ۋە كۈنلەرنىڭ بىرىدە، كالىسىنى سېغىپ سۈتلۈك چاي تەييارلاپ نۇرغۇن مېھمان چاقىرماقچى بوپتۇ، بىراق ئۇ كۆڭلىدە: مېھمان چاقىرىشقا يەنە بىر ئاي ۋاقىت بار، ئاڭغىچە كالىنى سېغىۋەرگەندە، يىغىلغان سۈتنى ساقلىغىلى بولمايدۇ، ئۇنىڭدىن كۆرە، ئۇنى ساغماي سۈتنى ئۇنىڭ قورسىقىدا ساقلىغىنىم تۈزۈڭ، مېھمانلار كەلگەندە بىر قېتىمدىلا ساغسام سۈت كۆپ چىقىدۇ ھەم مېھمانلار يېڭى سۈت ئىچەلەيدۇ ئەمەسمۇ؟ دەپ ئويلاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن سۈت سېغىشنى توختىتىپتۇ ۋە ئېمىۋاتقان موزاينىمۇ ئايرىۋېتىپتۇ.
مېھمان چاقىرىدىغانكۈنمۇ يېتىپ كەپتۇ. مېھمانلار ئارقا - ئارقىدىن كېلىپ بولغاندىن كېيىن، خوجايىن كالىنى قوتاندىن يېتىلەپ چىقىپتۇ - دە، مېھمانلار ئالدىدا ئۆز كارامىتىنى كۆرسەتمەكچى بوپتۇ، ئەپسۇسكى، ئۇنى سېغىپ بىر تېمىممۇ سۈت چىقىرالماپتۇ، چۈنكى، ئۇنىڭ سۈتى ئاللىقاچان تارقاپ كەتكەنىدى.
بۇ مەسەل بىزگە شۇنى ئۇقتۇرىدۇكى، كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئارزۇسى ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئۇيغۇن كەلمىسە، ئىش مەغلۇبىيەتكە ئۇچرايدۇ. موزايلىق ئىنەكنى ھەر كۈنى سېغىشقا تېگىشلىك ئىكەنلكى - بۇ بىر قانۇنىيەت. ئەگەر بۇ قانۇنىيەتكە خىلاپلىق قىلىپ، بىر ئايلىق سۈتنى بىر قېتىمدىلا سېغىۋېلىش مۇددىئاسىدا بولغاندا، ۋاقتى كەلگەندە بىر تېمىممۇ سۈت سېغىۋالغىلى بولمايدۇ.