UyghurWiki
UyghurWikiماسالتۈلكە بىلەن ئېشەك

تۈلكە بىلەن ئېشەك

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر تۈلكە يۈگۈرۈپ كېلىۋېتىپ، تۇيۇقسىزلا چوڭقۇر ئازگالغا چۈشۈپ كېتىپتۇ. ھەر قانچە قىلىپمۇ چىقالماپتۇ. دەل شۇ چاغدا بىر ئېشەك سۇ ئىزدەپ يۈرۈپ، ھېلىقى ئازگالنىڭ يېنىغا كەپتۇ ۋە ئازگالدىكى تۈلكىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭغا: - ئەي تۈلكىباي، بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتىسەن؟ - دەپتۇ. - ۋاي، نېمىسىنى سورايسەن، - دەپتۇ تۈلكە، - بۇ كەڭ دالادا ئۇسسۇزلۇق ۋە ئىسسىقتىن ئۆلەي دەپ قالغانىدىم، بۇ يەر بەك سالقىن ئىكەن ھەم سۈپسۈزۈك سۇ بار ئىكەن، راھەتلىنىپ دەم ئېلىۋاتىمەن. بۇنى ئاڭلىغان ئېشەك: مەنمۇ سۇ ئىچىپ، سالقىنلاپ راھەتلىنەيچۇ، دەپ ئويلاپ ئازگالغا چۈشۈپتۇ. شۇ ھامان تۈلكە بىر سەكرەپ ئېشەككە مىنىپتۇ - دە، يەنە بىر سەكرەپ ئازگالدىن كەڭ دالاغا چىقىپ قاپتۇ. ئېشەك ئازگالنىڭ ئىچىدە قاپتۇ. >يالغانچىغا ئىشەنسەڭ، بېشىڭغا بالا تاپىسەن< دېگەن تەمسىل ئەنە شۇنىڭدىن قالغانىكەن.
← بارلىق تېمىلار ماسال
تۈلكە بىلەن ئېشەك | UyghurWiki | UyghurWiki