UyghurWiki
UyghurWikiماسالقانداق نەرسىنى سىزىش ئەڭ ئاسان

قانداق نەرسىنى سىزىش ئەڭ ئاسان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇنقى زاماندا بىر رەسسام بولۇپ، ئۇ چى بەگلىكىنىڭ پادىشاھىغا رەسىم سىزىپ بېرىدىكەن. پادىشاھ بىر كۈنى رەسسامدىن: - ئومۇمەن ئېيتقاندا، دۇنيادا قانداق نەرسىنى سىزىش ئەڭ قىيىن؟ - دەپ سوراپتۇ. - ئىت بىلەن ئاتنى سىزىش ئەڭ قىيىن، - دەپتۇ رەسسام. - ئۇنداق بولسا، قانداق نەرسىنى سىزىش ئەڭ ئاسان؟ - دەپ يەنە سوراپتۇ پادىشاھ. - جىن - ئالۋاستىنى سىزىش ئەڭ ئاسان. بۇنىڭ سەۋەبى: ئىت بىلەن ئاتنى ھەممە ئادەم كۆرۈپ تۇرىدۇ، شۇڭا ئۇلارنى كىشىلەرگە يارىغۇدەك قىلىپ ئوخشىتىپ سىزىش ئاسانغا چۈشمەيدۇ؛ جىن - ئالۋاستىنىڭ بولسا، شەكىل - ھالىتى يوق، ھېچكىممۇ ئۇنى كۆرگەن ئەمەس، ئۇ كىشىلەرنىڭ كۆزىگىمۇ چېلىقمايدۇ، قانداق شەكىلدە سىزسا بولىۋېرىدۇ، بىرى كېلىپ ئۇنى جىن - ئالۋاستىغا ئوخشاشماپتۇ دەپ گۇۋاھلىق كۆرسىتەلمەيدۇ، شۇڭا ئۇنى سىزىش ئەڭ ئاسان، - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ رەسسام.
← بارلىق تېمىلار ماسال