قۇشقاچ بىلەن كۆك قاغا
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
قۇشقاچ بىلەن كۆك قاغا ئىناق دوستلاردىن ئىكەن. ئۇلار نېمە تاپسا تەڭ يەيدىكەن، قەيەرگە بارسا بىللە بارىدىكەن، بىللە ئوينايدىكەن. بىر - بىرىنىڭ ئىش - كۈشلىرى چىقىپ قالغۇدەك بولسا، سەمىمىي ياردەم بېرىدىكەن.
ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە قۇشقاچ يار ياقىسىدىكى ئۇۋىسىدا بالا چىقىرىپتۇ. ئانا قۇشقاچ بالىلىرىنى بەكمۇ ياخشى كۆرىدىكەن، شۇڭا ئەتىدىن كەچكىچە ھەر خىل قۇرت - قوڭغۇز، چېكەتكىلەرنى تۇتۇپ كېلىپ، بالىلىرىنى باقىدىكەن؛ ئەركىلىتىپ، پەپىلەپ ئۇلارغا ئۇچۇشنى، زىيانلىق ھاشاراتلارنى تۇتۇشنى ئۆگىتىدىكەن...
قۇشقاچ بالىلىرى يىڭنە قانات بولغان كۈنلەرنىڭ بىرىدە، ئانا قۇشقاچ بالىلىرىغا يەم ئىزدەپ چىقىپ كېتىپتۇ. بىر ھازادىن كېيىن، ئۇ بىر مۇنچە قۇرتلارنى چىشلەپ ئۇۋىسىنىڭ يېنىغا كېلىپلا، قورققىنىدىن داڭ قېتىپ قاپتۇ. چۈنكى، بۇ چاغدا ئۇزۇن، قاپقارا بىر يىلان قۇشقاچ بالىلىرىنى يېيىش ئۈچۈن ئۆمىلەپ چاڭگىغا قاراپ كېلىۋاتقانىكەن. ئانا قۇشقاچ ئاغزىدىكى كۆك قۇرتلارنى تاشلىۋېتىپ >ۋىچىر- ۋىچىر، جىق - جىق!< قىلىپ، بالىلىرىغا خەتەردىن ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپتۇ ۋە باشقا قۇشقاچلارنى ياردەمگە چاقىرىپتۇ. ھەش - پەش دېگۈچە بىر توپ قۇشقاچلار كەپتۇڭ. ئۇلار يىلاننىڭ ئەتراپىدا ئايلىنىشقا باشلاپتۇ، لېكىن يىلانغا قارشى ھېچقانداق چارە قىلالماپتۇ.
يىلان ئاچىماق تىلىنى چىقىرىپ، نېمىدىندۇر ئەنسىرىگەندەك بېشىنى كۆتۈرۈپ، دۈپدۈگىلەك كۆزلىرى بىلەن ئەتراپقا قاراپ قويۇپ، بىر ئۆمىلەپ، بىر توختاپ چاڭگىغا قاراپ سىلجىۋېرىپتۇ.
قۇشقاچ بالىلىرىغا ئەجەل يېقىنلىشىپلا قاپتۇ.
بىردىنلا ئاق قۇشقاچنىڭ يېنىغا دوستى كۆك قاغا يېتىپ كەپتۇ. قۇشقاچلار كۆك قاغىنى قارشى ئاپتۇ.
بۇ چاغدا يىلان چاڭگىغا يېقىنلىشىپلا قالغانىكەن. كۆك قاغا يىلاننىڭ ئالدىدا زوڭزىيىپ ئولتۇرۇۋېلىپ، ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇپتۇ. ئىلاجىسىز قالغان يىلان بىردىنلا بىچارە قىياپەتكە چۈشۈپ قاپتۇ - دە، كۆك قاغىغا يېلىنغاندەك، بېشىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چەمبىرەك بولۇپ يېتىۋاپتۇ.
قۇشقاچلار كۆك قاغىغا مەدەت بەرگەندەك تېخىمۇ قاتتىقراق چورۇقلىشىپتۇ.
كۆك قاغا ھۇجۇمغا ئۆتۈپتۇ. ئۇ ئاسمانغا ئۆرلەپ غۇيۇلداپ شۇڭغۇپ چۈشۈپ قانىتى بىلەن يىلاننى قاتتىق ئۇرۇپتۇ. يىلان بېشىنى كۆتۈرۈشكە مەجبۇر بوپتۇ. كۆك قاغا پۇرسەتنى غەنىيمەت بىلىپ سەل كۆتۈرۈلۈپلا يىلاننىڭ بىر كۆزىنى چوقۇۋاپتۇ.
بۇ زەرپىدىن ئۆزىنى يوقاتقان يىلان كۇشۇلداپ، تېخىمۇ كىچىك دائىرە بولۇپ يېتىۋاپتۇ. كۆك قاغا ئالدىرىماي مېڭىپ، يىلاننىڭ ئالدىغا كەپتۇ ۋە ئۇنىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپ تارتىپتىكەن، يىلان سۆرۈلۈپ قاپتۇ.
كۆك قاغا يىلاننى بىر ئاز قايمۇقتۇرغاندىن كېيىن دەرھاللا قويۇۋېتىپ، چەبدەسلىك بىلەن ئالدىغا سەكرەپلا ئۆتۈپ، يەنە بىر كۆزىنى چوقۇۋاپتۇ.
ئىككى كۆزىدىن ئايرىلغان يىلان ئۆزىنى يەرگە ئۇرۇپتۇ، داد - پەرياد قىپتۇ.
كۆك قاغا >ياماننىڭ جازاسى مۇشۇ< دېگەندەك، ئۇنى چوقۇشقا باشلاپتۇ... كۆك قاغىنىڭ غەلىبىسىنى تەبرىكلەپ قۇشقاچلار تەنتەنە قىلىشىپتۇ.
زەھەرلىك يىلان ئۆلۈپتۇ، ئانا قۇشقاچ ئۆزىنىڭ سادىق دوستىغا رەھمەت ئېيتىپتۇ.
كۈنلەردىن بىر كۈنى، ئانا قۇشقاچ يېڭىدىن ئۇچۇم قىلغان بالىلىرىنى سۇغا چۆمۈلدۈرۈۋاتقاندا، ئۇنىڭ يېنىغا كۆك قاغا كېلىپ، يېڭى تۇغۇلغان بالىلىرىنى چۈمۈلىلەرنىڭ بوزەك قىلىۋاتقانلىقىنى خەۋەر قىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان قۇشقاچ دەرھال قۇشقاچلار >قوشۇنى< تەشكىل قىلىپ كۆك قاغىنىڭ چاڭگىسىغا كەپتۇ.
ھەقىقەتەنمۇ ساناقسىز چۈمۈلىلەر كۆك قاغىنىڭ تۇخۇمىدىن يېڭى چىققان بالىلىرىغا ھۇجۇم باشلىۋەتكەنىكەن. ئانا قۇشقاچ ئىشنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ، قۇشقاچلارغا بۇيرۇق بېرىپتۇ. تۇشمۇتۇشتىن كەلگەن قۇشقاچلار چۈمۈلىلەرنىڭ جېنىنى ئېلىپ جاڭگالدا قويۇپتۇ. بىر نەچچە مىنۇتلۇق جىددىي جەڭدىن كېيىن كۆك قاغىنىڭ بالىلىرىمۇ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپتۇ...
كۆك قاغا ئۆز دوستىنىڭ ياردىمىدىن مىننەتدار بولۇپ، ئۇلارغا زىياپەت بېرىپ:
بۇق - بۇق - بۇق،
ياشىسۇن دوستلۇق.
ئەسلا ياشالماس،
زەھەرلىك - شۇملۇق.
بۇق - بۇق - بۇق،
ئىناق ئۆتەيلۇق.
دوستلۇق بېغىغا،
گۈللەر تېرايلۇق.
دەپ ناخشا ئېيتىپ، قۇشقاچلارمۇ چۇرۇقلىشىپ ئومۇمخور ئېيتىشىپ، دوستلۇقنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى تەرىپلىشىپتۇ.