پاقىنىڭ قونداققا چىقىشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
>پاقىمۇ قونداققا چىقامدىكەن؟< - دەمسىزا!؟
ھە، چىقىدىكەن. دۇنيادا قىزىق ئىشلار بولىدىكەن.
مانا قاراڭ، بىزنىڭ پاقىباينىڭ كارامىتىنى!
پاقىباينىڭ يېقىندىن بۇيان تولا ئىچى پۇشىدىغان بولۇپ قالدى. ئۆزى ياشىغان كۆل - پاقىلار دۇنياسى تار كەلدى بولغاي، ئەتىمالىم، ئۇ ھەمىشە چەتكە چاپىدىغان، باشقا دۇنياغا بېرىپ ئۆزگىچە ياشىغۇسى كېلىدىغان، كۆلنىڭ قىرغىقىغا سەكرەپ چىقىپ خوراز بەگكە زوقلىنىپ قاراپ ياتىدىغان بولۇۋالدى. بۈگۈنمۇ ئۇ كۆل بويىدىكى ئاددىيغىنا بىر قەۋەت ئۆينىڭ ئالدىدا، قونداقلىق چوڭ ئىككى تۈپ دەرەخ ئاستىدا ھاكاۋۇرلۇق بىلەن مېڭىپ يۈرگەن خوراز بەگدىن خېلى ئۇۇنغىچە كۆزىنى ئۈزەلمىدى. خوراز بەگ قىزىل تاجىلىق بېشىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، قانات قېقىپ بوينىنى سوزۇپ بىر قىچقىرىپ قويدى - دە، يەنە مەغرۇر قەدەم بىلەن مېڭىۋەردى. ئۇ يەردىن بىر نېمىلەرنى چوقۇپ - تانىلاپ يۈرگەن مېكىيان خېنىملارغىمۇ ئانچە پىسەنت قىلمايتتى.
پاقىباي زوقلانغان ھالدا خوراز بەگكە سەپسېلىپ تۇرغاندا، تۇيۇقسىز ئارقىسىدىن بىرى كېلىپ ئۇنى قورقۇتىۋەتتى:
- ھوي ئاغىنە، نېمە قىلىپ يۈرۈيسەن بۇ يەردە؟ - دېدى ئۇنىڭ دوستى بېقىنىنى نوقۇپ، - قالتىس زەن سېلىپ قاراپ كېتىپسەنغۇ؟
- ھوي دوستۇم، تازىمۇ ۋاقتىدا كەلدىڭ، ماۋۇ ئېسىل غوجامنى كۆردۈڭمۇ؟
- قايسىنى دەيسەن؟
- تازىمۇ ھاڭۋاقتى سەن - دە! ئاۋۇ خوراز بېگىمنى دەۋاتىمەن! نېمىدېگەن سۆلەتلىك ھە! قارا ئۇنىڭ مېڭىشلىرىنى، تاجىلىرىنىڭ، قاناتلىرىنىڭ پارقىرىشىنى! ئاشۇنداق دۆلەتمەن ياشاپ ئۆلۈپ كەتسە كۆڭۈلدە نېمە ئارمان قالىدۇ، دەيسەن؟
- بەللى، پاقىباي! ئۇخلاپ چۈش كۆرگەندەكلا گەپ قىلىسەنغۇ! ئۇ بىر خوراز تۇرسا، سەن بىر پاقا تۇرساڭ، ئۇنىڭ بىلەن قانداق تەڭ بولالايسەن؟ ئۇ سېنى كۆزگىمۇ ئىلمايدۇ!
- تازىمۇ ساددا ئىكەنسەن. مەن كارامىتىمنى بىر كۆرسىتەيكى، ئۇ كۆزگە ئىلماق تۈگۈل، مېنى يېنىغا تارتىپ چوڭ مەنسەپمۇ بېرىدۇ، دېگىنە تېخى. سىلەرگە پادىشاھ بولۇپ قالساممۇ ئەجەپ ئەمەس...
- ھوي، نېمىلەرنى دەپ يۈرۈيسەن؟ زادى قانچىلىك كارامىتىڭ بار سېنىڭ؟
- بىر نەچچە كۈندىن بېرى مەن خوراز بەگنى كۆزىتىپ، ئاجايىپ بىر ئەپچىل ئامال تاپتىم. ئۇ ھاكاۋۇر، ماختانچاق، ئۇنى پۈۋلەپ ئاسمانغا ئۇچۇرساڭلا، سەندىن ياخشىسى يوق. مانا قاراپ تۇر، مېنىڭ كارامىتىمنى كۆر، - پاقىباي ماختىنىپ بېشىنى كۆتۈردى - دە، تامىقىنى قىرىپ قويۇپ، بوغۇق ئاۋازى بىلەن خوراز بېگىمگە بېغىشلانغان ناخشىسىنى ئېيتىشقا باشلىدى:
ئاھ، ئۇلۇغ خوراز بېگىم،
نۇر تاجلىرىڭدىن ئۆرگىلەي.
بەك گۈزەل سۇمۇرغ كەبى،
ئۆز قامىتىڭدىن چۆرگىلەي.
سىياقىڭ جاننى ئالادۇر،
سۆلىتىڭ ئالەمچە بار.
كىممۇ تەڭ بولسۇن ساڭا،
بەلكى باردۇر ئىچى تار.
ناخشا ئېيتساڭ ساز ئۈنۈڭ،
تىللىرىڭ قەنۇشېكەر.
تۇشمۇتۇشتا قىز - چوكانلار،
ئاھ ئۇرۇپ، ھەسرەت چېكەر.
مەرتىۋەڭ ئۆسسۈن ئىلاھىم،
ئاخىرى بول پادىشاھ،
پاقا دوستۇڭ قىلۇر دۇئا،
بولغىن ئامان، مىڭ - مىڭ ياشا!
پاقىباي ناخشا ئېيتقاچ، دوستى بىلەن خوراز بەگنىڭ چىرايىدىكى ئۆزگىرىشنى بايقاپ تۇردى. پاقىنىڭ قۇلاققا مۇشت ئۇرغاندەك ئاۋازىدىن زېرىككەن خوراز بەگ ناخشا باشلانغاندا ئاچچىقى كېلىپ تەتۈر قارىدى. كېيىن ناخشىدا قانداقتۇر بىر يېقىملىق ئاھاڭنى سەزگەندەك قىلدىيۇ، لېكىن يەنىلا پەرۋاسىزلىق قىلدى. كېيىن ئۇ مەيداننى بىر ئايلىنىپ، كۆلگە يېقىنراق كەلگەندە ناخشىنىڭ ئۆزى توغرۇلۇق ئېيتىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ ھەيران قالدى. چوڭ سۆگەتنىڭ ئاستىغا كەلگەندە >مەرتىۋەڭ ئۆسسۈن ئىلاھىم، ئاخىرى بول پادىشاھ< دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ، ئۆز قولىقىغا ئىشەنمەي قالدى: توۋا، ئەجەب بىر ياخشى ناخشىغۇ بۇ. ئاۋازىمۇ شۇنداق يېقىملىق. ئەجەپ بىر ئىش، كىمدۇ بۇ؟ - ئۇ ئۆز - ئۆزىگە پىچىرلىغاچ، يەنە ناخشىغا قۇلاق سالدى. ناخشىنىڭ: >پاقا دوستۇڭ قىلۇر دۇئا، بولغىن ئامان، مىڭ - مىڭ ياشا< دېگەن مىسرالىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئۇنىڭ مەيدىسى تېخىمۇ كېرىلىپ كەتتى: قاراڭ بۇ گەپنىڭ ئېسىللىقىنى، پاقىمۇ شۇنداق چىرايلىق ناخشا ئېيتالادىكەن - ھە! - دېدى ئۇ ئويلانغان ھالدا،- ياق، بۇ پاقىنىڭ ناخشىسى ئەمەس. پاقىدىن بۇنداق ئېسىل گەپلەر، چىرايلىق ئاۋازلار چىقىشى مۇمكىن ئەمەس، ئىسىت، يەنە بىر ئېيتىپ باقسا ئىدى...
پاقىباينىڭ ناخشىسى يەنە جاراڭلىدى. خورازبەگ ناخشىنى ئاڭلىغانچە يۈرىكىدە ناخشىچىغا بولغان مۇھەببەت كۈچىيىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ مەيدىسى تېخىمۇ كېرىلىپ، بېشى ئاسمانغا يەتكەندەك بولدى. باشتا ئۇ بۇ ناخشىغا بىپەرۋالىق بىلەن قارىغانلىقىغا ئەپسۇسلىناتتى.
- قارا دوستۇم، كۆردۈڭمۇ ئۇنى، - دېدى پاقىباي ناخشىسىنىڭ كارامىتىنى كۆرگەندىن كېيىن خۇش بولۇپ، - قانداق، مېنىڭ ناخشامنىڭ سېھرىي كۈچىگە ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسەن. ئۇ قىلتاققا چۈشتى. ئەمدى مېنىڭ سۆزۈمگە قۇلاق سالماي ئىلاج يوق.
- ئەي راستلا يامان نېمە ئىكەنسەنغۇ! ئۇ شۇنچە كاتتا بولسىمۇ، بىرلا ناخشاڭ بىلەن ئېرىتىپلىۋەتتىڭغۇ؟
- كاتتا بولمايچۇ. قارىغىنىا، تېخى ئۇنىڭ خوتۇنلىرىمۇ ئاز ئەمەس ئىكەن، كۆردۈڭمۇ ئاۋۇ مېكىيان خېنىملارنى.
- ئەي، سەن قارىسىغىلا ۋالاقلاۋەرمە. ئاشۇ بىر مېكىيان خېنىملا ئۇنىڭ خوتۇنىغا ئوخشايدۇ، - دېدى دوستى پاقىبايغا، - باشقىلىرى خېنىمنىڭ دوستلىرىدۇ، بەلكى.
- ھە، خوتۇنىمۇ، دوستىمۇ بەرىبىر. ئۇنى قويۇپ تۇر، ئەنە خورازبەگ كېلىپ قالدى. ئۇ مېنىڭ ناخشامغا قانمايدىغاندەكلا قىلىدۇ، ناخشامنى يەنە بىر ئېيتىۋېتەي.
ئۇلار مۇشۇنداق سۆزلىشىپ تۇرغاندا، خورازبەگ بىر قوقۇلداپ كېلىپ قانات سۆرەپ بىر مېكىيان خېنىمنى ئايلىنىپ چىقتى - دە، پاقىباينىڭ ناخشىسىنى يەنە ئاڭلىغۇسى كەلگەندە كۆل چېتىدە تىڭ - تىڭلاپ مېڭىشقا باشلىدى.
پاقىباي گېلىنى قىرىپ تېخىمۇ زوقى بىلەن ناخشىسىنى باشلىۋەتتى.
خورازبەگ >قوللىرىنى< ئارقىغا تۇتۇپ، ناخشىنى ھۇزۇر بىلەن ئاڭلاپ، سەينانى بىر ئايلىنىپ چىقتى. كېيىن كېلىپ پاقىباينىڭ ئالدىدا توختاپ، ئۇنىڭ ناخشىسىنىڭ تۈگىشىنى كۈتۈپ تۇردى. پاقىباي خورازبەگنىڭ يېقىن كېلىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، ناخشىنىڭ ئاخىرىدىكى >ئامان بول، مىڭ - مىڭ ياشا!< دېگەن جۈملىنى شۇنداق ساز ئاۋاز بىلەن كېلىشتۈرۈپ ئېيتتىكى، ئۇنىڭ پەيزىدىن ئۆزىمۇ ھەيران قالدى.
- ھە، ناخشا ئېيتقان سەن ئىكەنسەن - دە! - دېدى خورازبەگ يوغان ئاۋازى بىلەن.
پاقىباي بىرلا سەكرەپ خورازبەگنىڭ ئالدىغا كېلىپ چۈشتى - دە، چاققانلىق بىلەن ئالدى ئىككى پۇتىنى كۆتۈرۈپ تىك تۇرماقچى بولدىيۇ، ئەمما تۇرالماي كەينىگە ئۆرۈلدى، لېكىن يېقىلىپ چۈشمىدى. ئۇ ھەيران قېلىپ، بېشىنى بۇراپ كەينىگە قاراپ، دوستىنىڭ ئارقا ئىككى پۇتى بىلەن بېلىنى تىرەپ تۇرغانلىقىنى كۆردى.
- يارايسەن ئاغىنە، - دېدى ئۇ دوستىغا ئاستاغىنا. كېيىن خورازبەگكە قاراپ تىك تۇرغىنىچە:
- سالام خورازبەگ، جانابىڭ پېقىر پاقىباي خىزمەتلىرىڭگە دائىم تەييار، - دېدى.
پاقىباينىڭ دوستىنىڭ پۇتلىرى تىترەپ كەتتى. ئۇ تۇمشۇقىنى يەرگە تىرەپ خىرقىرىدى:
- ۋاي ئاداش، سالىمىڭنى چاپسان تۈگەتسەڭچۇ!
خورازبەگنىڭ پاقىباينىڭ دوستىغا ئىچى ئاغرىدى بولغاي، ئۇ دەلدەڭشىپ تۇرغان پاقىبايغا قاراپ:
- بولدى، تىك تۇرۇۋەرمەي، كەينىڭدىكى بىچارىنى ئازاد قىلغىن، - دېدى.
پاقىباي ئالدى ئىككى پۇتىنى يەرگە قويدى. ئۇنىڭ دوستى ئاستا سۈرۈلۈپ كۆلگە چۈشۈپ كەتتى.
- ئۆزۈڭ خېلى تەكەللۇپ بىلىدىغاندەك قىلىسەن، بىراق مېنى >سەن< دېگىنىڭ ئانچە كېلىشمىدى. بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىل، - دېدى خورازبەگ پاقىبايغا ئاگاھلاندۇرۇپ.
- خوپ، جانابىڭ، - دېدى پاقىباي ئىككى قولى بىلەن تەڭ چاست بېرىپ.
- ھە، يەنە >سەن<، مەيلى ئاستا - ئاستا كۆنۈپ قالارسەن. ئىككىمىز دوست بولايلى، بولامدۇ؟
- خوپ، جانابىڭ.
- سەن ناخشىغا ئەجەبمۇ ئۇستا ئىكەنسەنغۇ، قەيەردىن ئۆگىنىۋالدىڭ بۇنداق چىرايلىق گەپلەرنى؟
- ئۆزۈممۇ بىلمەيمەن، خوراز بېگىمنى كۆرگەندە ئاشۇنداق ئاغزىمغا كىرىۋېرىدۇ.
- ھە، بەك ياخشى. سېنىڭ مەندىن قانداق تەلىپىڭ بار؟
- تەلىپىم ئانچىمۇ چوڭ ئەمەس ئىدى جاناب، مېنى مۇشۇ پاقا دۇنياسىغا پادىشاھ قىلىپ قويساڭلار بولدى.
ھە، پادىشاھلىق؟! مەن تېخى پادىشاھ بولمىغان تۇرسام، ساڭا نەدىكىنى، ھازىرچە بەگ بولۇپ تۇرغىن. مەن ئۇچار قاناتلار دۇنياسىغا پادىشاھ بولغاندىن كېيىن سېنىڭ پاقا پادىشاھلىقىڭنى ئويلىشىپ كۆرەرمىز.
- ئىلتىپاتىڭغا رەھمەت، جاناب.
- خوپ، سېنىڭ ۋەزىپەڭ، مېنىڭ ئىشىكىمگە كېلىپ، ئەتىگەندە، چۈشتە، كەچلىكى ئۈچ قېتىم ھېلىقى ناخشاڭنى ئېيتىسەن. ئۈچ توققۇز كۈن ناخشا ئېيتقاندىن كېيىن، مەن سېنى بەگ قىلىپ ئاۋۇ سۆگەتنىڭ شېخى ئارىسىغا چىقىرىپ قويىمەن. مەن پادىشاھ بولغاندىن كېيىن، ھەر كۈنى ئەتىگەن مەن ئۆيدىن چىققاندا بىر قېتىم، قونداققا چىققاندا بىر قېتىم، چۈشكەندە بىر قېتىم ئېيتىسەن، ئۇنىڭدىن كېيىن...
- ئۇنىڭدىن كېيىن مەن پادىشاھ بولىمەنمۇ؟
- پادىشاھ بولۇش دېگەن شۇنچە ئاسان گەپمىكەن. دادام ئۆمۈر بويى ھايۋانات پادىشاھىغا ناخشا ئېيتىپ بېرىپ پادىشاھ بولالمىدى. مەن بەش يىل ناخشا ئېيتىپ ئاران بەگ بولدۇم. مېنىڭ ناخشام دادامنىڭكىدىن پەيزىرەك بولسا كېرەك، ھېلىمۇ بەگ بولالىدىم. سەن تېخى ناخشاڭنىمۇ باشلىمىدىڭ، بەگمۇ بولغىنىڭ يوق. يەنە تېخى پادىشاھلىقتىن گەپ قىلىسەن. ئالدىرىما، سېنىڭ ناخشاڭ مېنىڭ مەرتىۋەمنى كۆتۈرۈشكە ياردەم قىلىپ قالسا، ئاندىن كېيىن سەنمۇ قۇرۇق قالمايسەن.
- خوپ، جاناب، چۈشەندىم.
خوراز بەگ بىلەن پاقىباينىڭ سۆزلىرى بىر - بىرىگە يېقىپ كەتتى بولغاي، كۈلۈشۈپ خوشلاشتى.
شۇنداق قىلىپ خوراز بەگ بىلەن پاقىباي دوست بولۇشتى. ئىككىسىنىڭ كۆڭلى خۇش بولۇشتى. بىرىگە باشپاناھ، بىرىگە گۇپپاڭچى تېپىلدى. بىرىدە پادىشاھلىققا، بىرىدە بەگلىككە ئۈمىد پەيدا بولدى. شۇ ئاخشىمى ئىككىسى شېرىن چۈشلەرنى كۆرۈپ بەھۇزۇر ئۇخلاشتى. ئەتىسى كېلىشىم بويىچە ھەرىكەت باشلاندى.
كۈنچىقىش بىلەنلا پاقىباي كۆل بويىغا چىقىپ خوراز بەگنى كۈتۈپ ئولتۇردى. خورازبەگ ئىشىكتىن چىقىپلا، قانىتىنى قېقىپ بىر قىچقاردى - دە، ئەتراپقا قاراپ پاقىباينى ئىزدىدى. ئۇنىڭغىچە پاقىباينىڭ >جاراڭلىق< ناخشا ئاۋازى ئاڭلاندى. خورازبەگ مېكيان خېنىملارنى ئالدىغا سېلىپ سەيناغا كېلىپ، چۆرگىلەشكە باشلىدى. ئۇ ناخشىنى ئاڭلىغانچە خۇش بولاتتى. كېيىن مېكيان خېنىملارنىڭمۇ ناخشىغا قۇلاق سېلىپ كۈلۈشكىنىنى ئاڭلاپ، تېخىمۇ خۇش بولۇپ كەتتى. بۈگۈنكى ئۈچ قېتىملىق >ناخشىلىق ئويۇن< ياخشى ئۆتتى. شۇنداق قىلىپ بىر توققۇز كۈن ئۆتكەندىن كېيىن خورازبەگ پاقىبايغا كۆل دۇنياسىنىڭ بەگلىكىنى ئاتا قىلدى، ئەمما ئىككى نەرسە خورازبەگكە كەمدەك تويۇلاتتى: بىرى، بۇ ئويۇننى كۆرگۈچىلەرنىڭ سانى ئاشۇ بىر نەچچە مېكيان خېنىملاردىن ئاشمىدى؛ يەنە بىرى، ناخشىغا تەڭكەش قىلىدىغان بىرەر ئاۋاز كەمدەك قىلاتتى. ئۇنىڭ كۆڭلىچە، بىر دۇمباقچى بولسا ياخشى بولاتتى. كەچقۇرۇنلۇقى پاقىباي ئۆيىگە كېتىشنىڭ ئالدىدا:
- دوستۇم، بىرەر دۇمباقچى ئالغاچ كەلسەڭ قانداق؟ - دېدى ئۇ پاقىبايغا.
ئەمدى پاقىباينىڭ ھالىدىن ئىككى ئېغىز سۆز:
خورازبەگ پاقىبايغا بەگلىكنى ئىنئام قىلغاندىن كېيىن كۆل بويىغا كېلىپ سالاپەتلىك ئاۋاز بىلەن جاكار قىلدى: >ئەي، كۆل يۇرتىدىكى پاقا - قۇمچاقلار، قۇرت ۋە سازاڭلار! پېقىر خورازبەگ ماۋۇ پاقىباينى سىلەرگە بەگ قىلدىم. ئاڭلىمىدىم دېمەڭلار، بېگىڭلارنى ئوبدان قارشى ئالغايسىلەر! - دەپ پەرمان جاكارلىغۇچى خورازبەگ خوجا خوراز ئوغلىدۇرمەن!<
پاقىبەگ تۆت پۈكۈلۈپ، بەش تەزىم قىلىپ يۇرتىغا قايتتى.
كۆل ئىچىدىكى يۇرتداشلار بۇنىڭغا ھەيران قالدى. غۇلغۇلا كۆتۈرۈلدى. >بۇ نېمىدېگەن گەپ، بۇ ساراڭ قەيەرلەردىن بەگ بولۇپ يۈرۈيدۇ<. >بىزنىڭ بېگىمىز بار تۇرسا، بۇ بىر غەلىتە گەپقۇ؟<، >بۇ ساراڭ پىرقىراپ تالاددىن كىرمەيتتى، بىر نېمىلەرنى قىلىپ خورازبەگنى قولغا كەلتۈرۈپتۇ - دە<...
پاقىبەگنى ھېچكىم قارشى ئالمىدى. ئۇنىڭ غەزىپى كەلدى.
كۆپچىلىكنىڭ ئۇنىڭ غەزىپى بىلەن كارى بولمىدى. ئۇنى مەھەللىگە يېقىنمۇ كەلتۈرمەي، يۇرتتىن قوغلاپ چىقاردى.
بىر كۈنى ئەتىگەنلىكى، خورازبەگ قوپۇپ ئادىتى بويىچە بىر قىچقاردى، لېكىن ناخشىدىن خەۋەر يوق، يەنە قىچقاردى، يەنە گەپ يوق. كېيىن ئۇ پاقىبەگنى كۆردى. بىر كىچىك دۇمباقنى يىپىدىن چىشلەپ سۆرەپ كۆلدىن چىقىۋاتقان پاقىبەگ مىڭ بالالىقتا سۆرۈلۈپ كۆلنىڭ بويىغا كەپتۇ. ئۇ يېنىغا كەلگەن خورازبەگنى كۆرۈپ ھۆڭرەپ يىغلىۋەتتى:
- ئۇلار مېنى بەگلىكتىن قوغلىۋەتتى. ئەمدى تۈگەشتىم، جانابىڭ... ھا...! - دېدى ئۇ، ياش - ماڭقىلىرىڭنى ئاققۇزۇپ.
- ھە، مۇنداق دېگىنە، مەن تېخى سېنىڭ ناخشاڭنى كۈتۈپتىمەن، - دېدى خورازبەگ كۆڭۈل قويۇپ، - كېرەك يوق، دوستۇم، بەگلىكىڭنى ئۇلار ئالغان بىلەن مەن ئالمايمەن، يەنە بەگسەن، تېخى ئۆمىلىگۈچىلەر دۇنياسىغا پادىشاھمۇ بولىسەن، قېنى، بېرى كەل، ئاۋۇ سۇپىنىڭ ئۈستىگە چىق!
پاقىبەگنىڭ خاپىلىقى بېسىلدى، بولۇپمۇ >پادىشاھلىق< سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ كۆڭلى ئېچىلىپ قالدى.
خورازبەگ پاقىبەگنى دەرەخ تۈۋىدىكى كىچىك سۇپىغا چىقىرىپ، كىچىككىنە سېرىق دۇمباقنى ئۇنىڭ بوينىغا ئاستى.
- بىلدىڭمۇ، دوستۇم. بۇ دۇمباقنىڭ ئاۋازى سېنىڭ ناخشاڭغا قوشۇلسا، تاماشىنى ئاندىن كۆرىسەن، - دېدى خورازبەگ.
پاقىباي شۇنداق قىلدى، خورازبەگ سەينانى ئايلاندى...
كېيىن قاغا، سېغىزخانلار كېلىپ ئاڭلاشقا باشلىدى، ئۇنىڭدىن كېيىن باشقا قۇشلارمۇ قوشۇلدى. شۇنداق قىلىپ يەنە ئىككى توققۇز كۈن ئۆتتى...
خوراز بەگە كېلىپ ناخشا ئاڭلىغان قۇشلارنىڭ ياكى زاڭلىق قىلغىنىنى، ياكى ماختىغىنىنىمۇ بىلمەيتتى. گاھلىرى كۈلۈپ چاۋاك چېلىشسىمۇ، كۆڭلىدە خورازبەگدىن كۈلەتتى. قاپاقباش خورازبەگ قۇشلارنىڭ كېلىشلىرىدىن ماختاندى. لېكىن، بۇنىڭغىمۇ قانائەتلەنمىدى. ئۈچ توققۇز ناخشا تۈگىگەندىن كېيىن، ئۇ پاقىبەگنى چاقىرىپ، ئۇنىڭغا:
- دوستۇم، ساڭا رەھمەت، ئەمما ناخشاڭنىڭ ئاۋازى تېخىمۇ ئۇزاقلارغا كەتسۇن، مەن سېنى ئاۋۇ سۈگەتنىڭ ئاچىسىغا ئاچىقىپ قوياي. ئەمدى ناخشاڭنى شۇ يەردە ئېيتقىن، -دېدى.
خورازبەگ پاقىبەگنى ھاپاش قىلىپ ئاچىقىپ دەرەخنىڭ ئىككى شېخى ئارىلىقىغا ئاۋايلاپ ئورۇنلاشتۇردى. ئۆزى ئېگىزرەكتە، ئىككى دەرەخكە ئۇلاپ قويۇلغان قونداققا چىقتى. كېيىن: >قېنى، ئېيت ناخشاڭنى< دېگەندەك قىلىپ، پاقىبەگكە قاراپ، تاجلىق بېشىنى ئېگىپ قويدى. پاقىبەگ دۇمباقنى تەڭكەش قىلىپ، ناخشىسىنى جاراڭلىتىۋەتتى. خورازبەگ بوينىنى سوزۇپ ئەتراپلارغا قارايتتى.
ئەمدى، پاقىبەگ خورازبەگ ئۆيدىن چىققاندا بىر قېتىم، قونداققا چىققاندا بىر قېتىم، قونداقتىن چۈشكەندە بىر قېتىم دۇمباق بىلەن ناخشا ئېيتىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ يەنە ئىككى توققۇز كۈننى ئۆتكۈزدى.
كېيىنكى كۈنلەردە، پاقىبەگ ئويلايدىغان بولۇپ قالدى: قىزىق ئىش، ئۇنىڭغا دۇمباق چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ بېرىپ ھالىم ئازلا قالدى. بەگلىك بولسا نامدا بار، ئەمەلدە يوق. پادىشاھلىق دېگەندىن دېرەكمۇ يوق. بۇ خورازبەگ: >قونداققا چىقساڭ پادىشاھلىق تەختىگە چىققىنىڭ شۇ< دەۋاتاتتى. بىر چىقىپ باقايچۇ... ھە، ياق، قورقماسلىق كېرەك، باتۇر بولماق كېرەك. بولمىسا، پادىشاھ بولغاندا قانداق قىلىسەن؟! - شۇنداق قىلىپ ئۇ بۈگۈن ئەتىگەنلىك ناخشىسىنى قونداققا چىقىپ ئېيتماقچى بولدى.
ئۇ ئاۋۋال قونداققا ۋە يەرگە بىر قارىۋالدى - دە، يۈرىكى دۈپۈلدەپ كەتتى. يەنە ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ دۇمبىقىنى بوينىغا ئېسىپ ئاستا كۆتۈرۈلدى ۋە ئاۋايلاپ قونداققا يامىشىپ ماڭدى. ئازراق ماڭغاندىن كېيىن بېشى قېيىپ، قونداق ياغىچىنى چىڭ تۇتۇپ، كۆزىنى يۇمۇپ بىر ئاز تۇرۇۋالدى. يەنە ماڭدى، يەنە بېشى قايدى، يەنە ماڭدى... ئاخىر قونداقنىڭ ئوتتۇرىسىغىراق بارغاندا بېشى قاتتىق قېيىپ، كۆزى قاراڭغۇلاشتى - دە، تۆۋەن ساڭگىلاپ قالدى. ئۇ قونداقنى قوللىرى بىلەن چىڭ تۇتۇپ ئېسىلىۋالدى، لېكىن ئۇ قانچە تىرىشسىمۇ، پۇتلىرىنى قونداققا ئالالمايتتى. دۇمباق بېلىدە پۇلاڭشىپ كاشىلا قىلاتتى. ئۇنى تەر باستى، يەنە كۆزى قاراڭغۇلاشتى... قوللىرى قونداقتىن ئاجراپ كەتتى. ئۇ ئاران ئېسىنى يىغىپ، بىر تۈۋى يوق ھاڭغا چۈشۈپ كېتىپ بارغاندەك سەزدى. قاتتىق ۋارقىرىدى، ئاندىن كېيىنكىسىنى بىلەلمىدى...
ئەمدى ئۇ ھېچنېمىنى بىلەلمەيتتى، ئەلۋەتتە. بىچارە پاقىبەگ پوكىنى يېرىلىپ يەردە ياتاتتى. ئۇنىڭ روھى ئاللىقاچان ئۇ دۇنياغا كەتكەنىدى...
قۇش - جانىۋارلار دەرەخلەردە ۋىچىرلاشتى. مېكىيان خېنىملار ئۇنى چۆرىدەپ ئىچ ئاغرىتاتتى... خورازبەگ ئاستا مېڭىپ ھويلىدىن چىقتى.
- نېمە گەپ، نېمانداق ئەنسىزلىك بۇ! - دېدى خوراز بەگ يېقىن كېلىپ، ئۇ قورسىقى يېرىلىپ، پۇت - قوللىرىنى سوزۇپ ياتقان پاقىبەگنى كۆرۈپ، چۆچۈپرەك كەينىگە داجىدى. كېيىن، ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ، - ھە، خوپ بوپتۇ. كىم سېنى قونداققا چىق دەپتىكەن. پاقىنىڭ خوراز بىلەن تەڭ بولغىنى قەيەردە بار؟ ئۆز ئۇۋالىڭ ئۆزۈڭگە، - دېدى.
ئەتراپتىكىلەر غۇلغۇلا قىلىشتى:
- ھاماقەت نېمە، پىشقان زاغراڭنى يېسەڭچۇ.
- ناخشاڭنى ئېيتىپ، دۇمباق چېلىپ، بارغان يېرىڭ مۇشۇ بولدى.
- قونداققا چىقىشنى ساڭا كىم قويۇپتۇ.
- مانا ساڭا پادىشاھلىق!
ئەتىسى ئەتىگەندە سەككىز تال چوكا ياغاچتىن ياسالغان تۆت پۇتلۇق >جىنازا< نى تۆتەيلەن كۆتۈرۈپ، پاقىباينىڭ كۆك يوپۇرماق يېپىلغان جەسىتىنى زاراتگاھلىققا ئېلىپ مېڭىشتى.
ئەنە، جىنازا ئارقىسىدا باشلىرىنى سېلىپ، >جامائەت< كېتىپ بارىدۇ. جىنازا كەينىدە، توپنىڭ ئالدىدا پاقىباينىڭ ھېلىقى دوستى پىچان بىلەن باغلىۋالغان بېلىگە قوللىرىنى قويۇپ، كۆزلىرىنى يۇمۇپ، بېشىنى ئىككى يېنىغا ئىرغاڭلىتىپ، دوستىغا بېغىشلانغان ھازا قوشىقىنى ئېيتىپ كېتىپ بارىدۇ:
ۋاي ئىسىت، كۈلەلمەي كەتتىڭ، ئەلۋىدا!
مۇرادقا يېتەلمەي كەتتىڭ، ئەلۋىدا!
خۇدۇڭنى بىلەلمەي كەتتىڭ، ئەلۋىدا!
ھېچنېمە دېيەلمەي كەتتىڭ، ئەلۋىدا!
قونداققا چىقاي دەپ ھەر يانغا چاپتىڭ،
خورازغا خۇشامەت تونىنى ياپتىڭ.
ئېيتقىنا، ئاخىرى نېمىنى تاپتىڭ؟
بەخت گۈلىن ئۈزەلمەي كەتتىڭ، ئەلۋىدا!
خورازبەگ دەپ بىكاردىن ئاۋارە بولدۇڭ،
باش ئۇرۇپ، پىرقىراپ پەرۋانە بولدۇڭ.
ئۆلۈشتىن قورقمىدىڭ، >مەردانە< بولدۇڭ،
>جەننەت< نى كۆرەلمەي كەتتىڭ، ئەلۋىدا!
خورازبەگ شەنىگە ياڭراتتىڭ غەزەل،
پۈكۈلدىڭ ئۇچۇرۇپ كۆرسىتىپ گۈزەل.
دېدىڭكى، تاج كىيىش ھەممىدىن ئەۋزەل،
زەرلىباس كىيەلمەي كەتتىڭ، ئەلۋىدا!
ياراتماي كۆلنىمۇ قىرغاققا چىقتىڭ،
يىلاندەك يامىشىپ پۇتاققا چىقتىڭ.
قانائەت قىلماي ھېچ قونداققا چىقتىڭ،
ئارمانغا يېتەلمەي كەتتىڭ، ئەلۋىدا!
خاقانلىق نەدىكەن؟ ۋەزىرلىكمۇ يوق،
بولغاندۇ پۇشايمان كۆكرىكىڭگە ئوق.
قەبرەڭدە ياتقىن تىنچ، ئەمدى كۆڭلۈك توق،
ئەلگە نەپ بېرەلمەي كەتتىڭ ئەلۋىدا!