مايمۇننىڭ دەرەخ تىكىشى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
مايمۇن مېۋە - چېۋىلەردە ۋىتامىن >C< نىڭ ئىنتايىن موللۇقىنى، ھەزىم قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى، تېرىنى پارقىرىتىدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، باغقا بېرىپتۇ - دە، ئوغرىلىقچە بىر تۈپ نەشپۈت كۆچىتىنى كولاپ كېلىپ، ئۆينىڭ ئالدىغا تىكىپتۇ ۋە ھەر كۈنى سۇ قۇيۇپ، ئوغۇتلاپ نەشپۈتنى يېيىشنى كۈتۈپتۇ.
نەشپۈت كۆچىتى كۆكلەشكە باشلىغاندا، ئىشىك ئالدىدىكى قارىياغاچ دەرىخىگە قونۇۋالغان بىر قېرى قاغا >قاق - قاق< قىلىپ مايمۇندىن:
- مايمۇن ئاكا، مايمۇن ئاكا، نېمىشقا نەشپۈت كۆچىتى تىكىۋالدىڭ؟ دېھقانلاردا: >نەشپۈت بەش يىلدا، ئۆرۈك تۆت يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ< دەيدىغان بىر ماقال بار. نەشپۈت دەرىخى بەش يىلدا ئاران مېۋە بېرىدۇ. سەن بۇنىڭغا سەۋر قىلىپ تۇرالامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
مايمۇن بىردەم ئويلىنىۋېلىپ:
- توغرا، بەش يىل بەك ئۇزۇن ئىكەن، مەن ساقلاپ تۇرالمايمەن، - دەپتۇ - دەم نەشپۈت كۆچىتىنى يۇلۇۋېتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئۆرۈك كۆچىتى تىكىتۇ. ئۆرۈك كۆچىتى كۆكىرىشكە باشلىغاندا، قېرى قاغا يەنە >قاق - قاق< قىلىپ:
- مايمۇن ئاكا، مايمۇن ئاكا، سەن نېمىشقا ئۆرۈك كۆچىتى تىكىۋالدىڭ؟ دېھقانلاردا: >ئۆرۈك تۆت يىلدا، شاپتۇل ئۈچ يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ< دېگەن ماقال بار، سەن ساقلاپ تۇرالامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
مايمۇن بىردەم ئويلىنىپ:
- توغرا تۆت يىل بەك ئۇزاق ئىكەن، ساقلاپ تۇرالمايدىكەنمەن، - دەپتۇ - دە، ئۆرۈك كۆچىتىنى يۇلۇۋېتىپ، ئورنىغا شاپتۇل كۆچىتى تىكىپتۇ.
شاپتۇل كۆچىتى كۆكىرىشكە باشلىغاندا، قېرى قاغا يەنە >قاق - قاق< قىلىپ، مايمۇندىن:
- مايمۇن ئاكا، مايمۇن ئاكا، سەن نېمىشقا شاپتۇل كۆچىتى تىكىۋالدىڭ؟ دېھقانلاردا: >شاپتۇل ئۈچ يىلدا، گىلاس ئىككى يىلدا مېۋىگە كىرىدۇ< دېگەن ماقالبار. شاپتۇل دېگەن ئۈچ يىلدا ئاران مېۋىگە كىرىدۇ، سەن بۇنىڭغا ئالدىرىمامسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
مايمۇن بىردەم ئويلىنىپ:
- توغرا، ئۈچ يىل بەك ئۇزاق ئىكەن، مەن يەنىلا ساقلاپ تۇرالمايدىكەنمەن، - دەپتۇ - دە، شاپتۇل كۆچىتىنى يۇلۇۋېتىپ، ئورنىغا گىلاس كۆچىتى تىكىپتۇ.
شۇنداق قىلىپ ئۆز پىكرىدە تۇرالمىغان مايمۇن، نەشپۈت كۆچىتىنى يۇلۇۋېتىپ، ئۆرۈك كۆچىتى تىكىپ، ئۆرۈك كۆچىتىنى يۇلۇۋېتىپ، شاپتۇل كۆچىتى تىكىپ، شاپتۇل كۆچىتىنى يۇلۇۋېتىپ، گىلاس كۆچىتى تىكىپتۇ... ئۇ ئۆمۈر بويى مېۋىلىك دەرەخ تىكىش بىلەن ھەپىلەشكەن بولسىمۇ، ھېچقانداق مېۋىلىك دەرەخنى تۇتقۇزالماپتۇ.