ئات، ھارۋا ۋە چاق
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كۈنى، سەپەر ئۈستىدە كېتىۋاتقان ئات، ھارۋا ۋە چاق ئۆز - ئۆزىنى ماختاپ گەپ تالىشىپ قاپتۇ.
- مەن نېمىدېگەن كۈچلۈك - ھە، شۇنچە ئېغىر يۈكنى تارتىپ كېتىۋاتىمەن، - دەپتۇ ھارۋا.
- ئەگەر مەن ھارۋا ۋە ئۇنىڭ ئىچىدىكى يۈكنى كۆتۈرۈپ ماڭمىسام، ئىككىڭلار بۇنچىۋالا ئېغىر يۈكنى ئېلىپ ماڭالمايسىلەر، - دەپتۇ چاق.
ئات بۇ گەپتىن ئاچچىقلىنىپ، ئالدى تەرەپتىكى داۋانغا يۈرمەي، كەينىگە داجىپتۇ. چاق ئىتتىڭ كېلىپ يوغان بىر تاشقا ئۇرۇلۇپ سۇنۇپتۇ. ئات ھارۋا ئۈستىدىكى نۇرغۇن يۈك بىلەن ھاڭغا دومىلاپ پاچاقلىنىپتۇ.
بۇ ئۈچى جان ئۈزۈش ئالدىدا: >ئەي! ئىش - ئۆملۈكتە، كۈچ - بىرلىكتە ئىكەنلىكىنى بىلمەپتىمىز<، - دېيىشىپ پۇشايمان يەپتۇ.