UyghurWiki
UyghurWikiماسالئوتۇنچى بىلەن ئېيىق

ئوتۇنچى بىلەن ئېيىق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇنقىى زاماندا بىر ئوتۇنچى ئۆتكەنىكەن. بۇ ئوتۇنچىنىڭ بىرەرمۇ ئوغلى يوق ئىكەن. جاڭگالدىن ئوتۇننى بازارغا يۈدۈپ ئاپىرىپ ساتىدىكەن، ئەمما ئوتۇن سېتىپ تاپقان پۇلى قورسىقىنى تويدۇرۇشقا يەتمەي، ھەر كۈنى يېرىم ئاچ، يېرىم توق يۈرۈيدىكەن. كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى، جاڭگالدا ئوتۇن ئېلىۋاتسا، تۇيۇقسىز ئالدىدىن بىر ئېيىق چىقىپ قاپتۇ. ئوتۇنچى نېمە قىلىشنى بىلمەي تۇرسا، ئېيىق تىغا كىرىپ: - مەن ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ جاڭگالدا ياشايمەن. سېنىڭمۇ ئۇزۇندىن بېرى مۇشۇ جاڭگالدىن ئوتۇن ئەكىتىدىغانلىقىڭنى بىلىمەن. بىراق سەن ياخشى ئوتۇنلارنى تاپالمايۋاتىسەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاقتىڭنىڭ كۆپ قىسمى ئوتۇن ئېلىشقا كېتىپ، بىر كۈندە بازارغا ئاران بىر قېتىم ئوتۇن ئاپىرىۋاتىسەن. كەل، ئىككىمىز دوست بولايلى. مەن ساڭا ئوتۇن تەييارلاپ بېرەي، سەن بۇنىڭدىن كېيىن ئوتۇننى بازارغا ئاپىرىپ سېتىشنىلا بىل، - دەپتۇ. شۇ كۈندىن باشلاپ ئوتۇنچى ئېيىق دوستى تەييارلاپ قويغان ياىشى ئوتۇنلارنى بىر كۈندە ئىككى - ئۈچ قېتىم بازارغا ئاپىرىپ سېتىپ، ئاز كۈندىلا ھال - ئوقىتى ياخشىلىنىپ، بىر ئېشەكلىك بولۇپ قاپتۇ. ئۇچىسىدىكى كىيىم - كېچەكلىرىمۇ يېڭىلىنىپتۇ. ھەر قېتىم ئوتۇنغا بارغىنىدا ئېيىق دوستىغا يەيدىغان بىر نەرسىلەرنى ئاپىرىدىغان بوپتۇ. شۇنداق قىلىپ، بۇ ئىككىسى ئىناق ئۆتۈشۈپتۇ. بىر كۈنى ئېيىق ئوتۇنچىنى ئۆز ئۆيىگە تەكلىپ قىپتۇ. ئوتۇنچىمۇ ماقۇل دەپ، ئېيىقنىڭ ئۆڭكۈرىگە كىرىپتۇ. ئېيىق ئوتۇنچىنى ئوبدان مېھمان قىپتۇ. بىراق ئۇلار گەپتىن - گەپ چىقىپ قىزىرىشىپ قاپتۇ. سەپرا ئوتۇنچى ئېيىقنى: - ھايۋان دېگەن ھامان ئەقىلسىز ھايۋان. سېنىڭ بىلەن دوست بولۇپ يۈرگەن مەنمۇ بىر ئەخمەق! - دەپ تىللاپتۇ. ئوتۇنچىنىڭ دوستلۇقىنىڭ يۈزىنى قىلماي شۇنچە ئاچچىق سۆزلەر بىلەن ھاقارەتلەۋاتقانلىقىدىن ئېيىق قاتتىق رەنجىپتۇ، بىراق چاندۇرماپتۇ. شۇ ئارىلىقتا كەچ كىرىپ قاپتۇ. ئوتۇنچى كەتمەكچى بولۇپ ئورنىدىن تۇرغانىكەن، ئېيىقنىڭ ئۇنىڭغا ئىچى ئاغرىپ: - يول خەتەرلىك، قونۇپ قالغىن، - دەپتۇ. ئوتۇنچىمۇ ئىلاجىسىز ماقۇل بوپتۇ. بىراق، بۇ ئەبلەخ بىلەن قىزىرىشىپ قالدىم. ئەمدى ماڭا قەست قىلىپ قويمىغىدى، دەپ ئويلاپ نىيىتى بۇزۇلۇپتۇ - دە، ئېيىقنى ئۆلتۈرۈۋېتىپ كەتمەكچى بوپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن ئېيىق راستتىنلا ئۇخلاپ قاپتۇ. ئوتۇنچى ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ، پالتا بىلەن ئېيىقنىڭ بېشىغا كەلتۈرۈپ بىرنى ساپتۇ. ئېيىقنىڭ بېشىدىن بۇلدۇقلاپ قان ئېقىپ ھوشىدىن كېتىپتۇ. ئوتۇنچى ئۆڭكۈردىن چىقىپ، ئېشىكىگە مىنىپتۇ - دە، تىكىۋېتىپتۇ. مانا شۇنىڭدىن كېيىن ئوتۇنچى باشقا جاڭگالغا بارىدىغان بوپتۇ. ئارىدىن بىر يىل ئۆتۈپتۇ. بىر كۈنى ئۇ جاڭگالدا ئوتۇن ئېلىۋاتسا، ئالدىدىن ئۆزىنىڭ ھېلىقى ئېيىق دوستى چىقىپ قاپتۇ. قورقۇپ كەتكەن ئوتۇنچى ئېيىققا قاراپ: - ئېيىق دوستۇم، مەن قارا نىيەتلىك قىلىپ، بۇلتۇر سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ، پالتا بىلەن چاپقانىدىم. مەن بۇ گۇناھىمنى بوينۇمغا ئالىمەن. ئەمدى مېنى نېمە قىلساڭمۇ مەيلى، - دەپتۇ. - ھەر ھالدا ياخشى ئىش قىلمىدىڭ، - دەپتۇ ئېيىق، - گۇناھىڭنى ئىقرار قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن بولدى قىلدىم، پالتا چاپقان يەرنى كۆرۈپ باقە، قانداق بولۇپ قالدىكىن؟ - ئوتۇنچى ئېيىقنىڭ بېشىغا يېقىن كېلىپ قاراپ بېقىپتۇ، پالتىنىڭ ئىزى يوق، سەللىمازا ساقىيىپ كېتىپتۇ. - سەن پالتا بىلەن چاپقان جاراھەت ساقايدى، لېكىن تىلىڭ بىلەن دىلىمغا چېپىغان جاراھەت تېخى ساقايمىدى، - دەپتۇ ئېيىق ۋە جاڭگالغا كىرىپ كېتىپتۇ. بىر رىۋايەتتە: >تىغ يارىسى ساقىيار، دىل يارىسى ساقايماس< دېيىلگەن ماقال شۇنىڭدىن قالغان، دەيدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال