چىۋىن بىلەن پىلە قۇرتى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
باھار پەسلى. ئۈجمە يوپۇرماقلىرىغا راسا تويۇنغان ئىشچان پىلە قۇرتى كۈمۈش رەڭ يىپەك تالالاردىن غوزا تۈگۈشكە باشلىغاندا، قاياقتىندۇر غىڭىلداپ بر چىۋىن ئۇچۇپ كەلدى. ئۇ ئۈجمە يوپۇرمىقىغا قوندى - دە، قىزىل كۆزلىرىنى پارقىرىتىپ، پىلە قۇرتىغا قاراپ سۆز باشلىدى؛
- ئەي، بىچارە جاپاكەش، ئۆمرۈڭنىڭ قىسقىلىقىغا باقماي ئادەملەر ئۈچۈن جاپا چېكىدىكەنسەن. ئۇنىڭدىن كۆرە، مەندەك ئويناپ - كۈلۈپ، كۆپرەك ياشىساڭ بولماسمىدى؟
- ئەي، تەييارغا ھەييار نىجىس، كۆزۈمدىن يوقال! نىجاسەت دۆۋىسىدە سېنىڭدەك يۈرۈپ مىڭ يىل ياشىغاندىن كۆرە، بىر كۈن ياشىساممۇ ئادەملەرگە بىر ئاز نەپ بەرگىنىم ئەلا، - دەپ جاۋاب بەردى.