تىلى تاتلىق موزاي
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئىككى موزاي بار ئىكەن،
ئىلگىرى بىر پادىدا.
رەڭگى سېرىق بىرىنىڭ،
بىرى ئىكەن قاپقارا.
ئامراق ئىكەن ئانىسى،
رەڭگى سېرىق موزايغا.
بىللە ئېلىپ باراركەن،
ئۆزى بارغان ھەر جايغا.
چۈنكى، سېرىق موزايجان،
ئەمەس ئىكەن بەتقىلىق.
يۈرۈيدىكەن مۇلايىم،
دوستلىرىمۇ ئىكەن جېىق.
لېكىن قارا موزايجان،
چوڭ بولۇپتۇ بەك قوپال.
موزايلارنى ئۈسەركەن،
قىلىقلىرى سەت - ئوسال.
ئىگىسىنى تېپەركەن،
ھەر كۈنى يەم بەرگەندە،
ئۈسىدىكەن ئەمچەككە.
ئانىسىنى ئەمگەندە،
پاتمايدىكەن قوتانغا.
ھۆركىرەپ ھەم ئويناقلاپ،
ئوت - چۆپلەرگە ھەر دائىم،
قويىدىكەن شاتراقلاپ...
بىر كۈن سېرىق موزاينىڭ،
ئۆلۈپ قاپتۇ ئانىسى.
دورا بىلەن ساقايماي،
ئۆپكىدىكى يارىسى.
ئايرىلغاچقا ئانىدىن،
رەڭگى سېرىق موزايجان.
غەم - قايغۇغا چۆكۈپتۇ،
كېچە- كۈندۈز يىغلاپ قان.
>بالام!< دەپتۇ بىر كالا،
موزاينى چىن دىلىدىن.
>ئانا!< دەپتۇ موزايمۇ،
ھەسەل تېمىپ تىلىدىن.
ئېمىتىپتۇ كالىلار،
موزايجاننى تالىشىپ.
>ئانا - بالا< بولۇپتۇ،
بىر - بىرنى يالىشىپ.
رەڭگى قارا موزايجان،
بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپلا،
دەررۇ سېرىق موزاينى،
يىقىتىپتۇ ئۈسۈپلا.
شۇئان قارا موزاينى،
ئۆز ئانىسى ئۈسۈپتۇ.
شاللاق موزاي يىقىلىپ،
ئوڭدىسىغا يېتىپتۇ.
دەپتۇ ئاڭا ئانىسى:
- سەندەك بالام يوق مېنىڭ.
ئالتۇندەك بىر بالام بار،
ئەمدى كۆڭلۈم توق مېنىڭ.
تەربىيىمنى ئاڭلىماي،
ئەسكى موزاي بولدۇڭ سەن.
تۇغۇپ سېنى باققانغا
كۆپ پۇشايمان قىلدىم مەن.
سېرىق موزاي بالامدۇر،
ئۇنى ياخشى باقىمەن.
ئۈسسەڭ ئۇنى ئەگەردە،
پاچىقىڭنى چاقىمەن...
شۇندىن بېرى قارىنى،
ئېمىتمەپتۇ ئانىسى.
موزايجانغا تار كەپتۇ،
كالىلارنىڭ ئارىسى.
رەڭگى سېرىق موزاينىڭ،
ئانىسى كۆپ بولتۇپ.
كالىلارنى ئېمىپ ئۇ -
كۈچ - قۇۋۋەتكە تولۇپتۇ.
× ×
ئېيتقانىكەن كونىلار،
بۇ ساۋاقنى يەكۈنلەپ:
>ئېمەر ئىككى ئانىنى،
تىلى تاتلىق موزاي< دەپ.