UyghurWiki
UyghurWikiماسالتىيىن

تىيىن

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى توشقاننىڭ ھارۋىسى پاتقاققا پېتىپ قالغانىكەن، ئالدى پۇتلىرىنى كۆكرىكىگە قويۇپ، دەرەخ شېخىدا ئولتۇرغان تىيىن توشقانغا مۇنداق مەسلىھەت بېرىپتۇ: - ئاشۇ يەردىن كۆتۈر... ئاۋۇ يەرنى تۇت... ماۋۇ يەرنى ئىتتەر... توشقان ھارۋىنى پاتقاقتىن چىقىرىشقا تۇتۇش قىپتۇ، لېكىن جۇغى كىچىك بولغاچقا، كۈچى يەتمەپتۇ. ئەگەر كىرپە بۇرادەر ياردەمگە كەلمىگەن بولسا، توشقاننىڭ ھارۋىسى تاكى بۈگۈنگىچە شۇ يەردە، - پاتقاق ئىچىدە قېپقالغان بولاتتى. كىرپە توشقاننىڭ جاپا تارتىپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ، بىردەم ئەھۋاللاشقاندىن كېيىن، ھارۋىنى مۈرىدەپ ئىتتىرىپ، پاتقاقتىن چىقىرىشىپ بېرىپتۇ. توشقان بۇنىڭغا بەك خۇرسەن بولۇپ، كىرپىگە تەشەككۇر ئېيتىپتۇ - دە، ئۇدۇل ئۆيىگە قاراپ راۋان بوپتۇ. تىيىن بولسا، دەرەخ بېشىدا ئاچچىقىدىن يېرىلغۇدەك بولۇپ، غۇدۇراپتۇ: - قىلغان ياخشىلىقنى بىلمەيدىغان نېمە ئىكەن، كېتىۋېتىپ >خوش، ئەمىسە< دەپمۇ قويمىدىيا. مەن مەسلىھەت بەرمىگەن بولسام، ئۇ بىر نېمە ھارۋىسىنى ھەرگىزمۇ پاتقاقتىن چىقىرالمايتتى.
← بارلىق تېمىلار ماسال
تىيىن | UyghurWiki | UyghurWiki