UyghurWiki
UyghurWikiماسالئىت مۈشۈك دوستىنى قانداق قۇتۇلدۇردى

ئىت مۈشۈك دوستىنى قانداق قۇتۇلدۇردى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئىت بىلەن مۈشۈك دوست بوپتۇ، ئۇلار باشقا كۈن چۈشكەندە بىر - بىرىگە ياردەم بېرىشكە ۋەدىلىشىپتۇ. بىر كۈنى مۈشۈك ئېھتىياتسىزلىقتىن كۆلگە چۈشۈپ كېتىپتۇ - دە، >مېنى قۇتۇلدۇرۇڭلار!< دەپ ۋارقىراپتۇ. ئىت ئۆز دوستىنىڭ نالە - پەريادىنى ئاڭلاپ دەرھال يۈگۈرۈپ كەپتۇ ۋە مۈشۈكنىڭ كۆل ئوتتۇرىسىدا بىر لەيلەپ، بىر چۆكۈپ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال كۆلنىڭ ئوتتۇرىسىغا ئۈزۈپ بېرىپتۇ - دە، مۈشۈكنىڭ بوينىدىن كۈچىنىڭ بارىچە چىشلەپ قىرغاققا قاراپ ئۈزۈپتۇ. - مىياۋ - مىياۋ، ۋايجان - ۋاييەي، يامان بولدى. مەن زادىلا بولالمىدىم...، - دەپ مۈشۈك مىياۋلىغىنىچە تېپىرلاشقا باشلاپتۇ. - ۋايجان دېگۈدەك نېمە بوپتۇ؟ نېمىگە يامان بولدى؟ مەن سېنى قۇتۇلدۇرۇۋاتىمەنغۇ؟ تولا تىپىرلىما! - دەپتۇ ئىت بىپەرۋالىق بىلەن مۈشۈكنى ئەيىبلەپ، ئۇ مۈشۈكنىڭ بوينىنى تېخىمۇ قاتتىقراق چىشلىگىنىچە قىرغاققا چىقىپتۇ. - خۇداغا شۈكرى، ئاخىر قىرغاققىمۇ چىقتىم، - دەپتۇ ئىت مۈشۈكنى يەرگە تاشلاپ، >ئۇھ< دېگىنىچە چوڭقۇر بىر تىنىپ. ئەمما مۈشۈك يەردە ياتقىنىچە قىمىرلاپمۇ قويماپتۇ. ئەسلىدە ئىت ئۇنى چىشلەپ ئۆلتۈرۈپ قويغانىكەن. - دوستۇم، ئەيىب ھەرگىز مەندە ئەمەس. مەنمۇ ۋىجدانىغا خاس ھالدا سەن ئۈچۈن كۈچۈمنىڭ بارىچە تىرىشتىم، - دەپتۇ ئىت ئۆلۈك ياتقان مۈشۈك دوستىغا قاراپ. ئىت بىردەمدىن كېيىن قۇيرۇقىنى پۇلاڭشىتقىنىچە ئۆز يولىغا راۋان بوپتۇ. ھەر قانداق ئىشتا قىزغىنلىق بولۇشى كېرەك، ئەمما يالغۇز قىزغىنلىققىلا تايىنىپ ئىشلارنى باشقا ئاچىققىلى بولمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ماسال