دۇڭگۇ ئەپەندى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇنىڭدىن 2000 يىل بۇرۇن مەملىكىتىمىزدە نۇرغۇن كىچىك بەگلىكلەر بولۇپ، جىن بەگلىكىدە دۇڭگۇ ئەپەندى دەيدىغان بىر خۇسۇسىي مەكتەپ مۇئەللىمى ئۆتكەنىكەن. ئۇ رەھىمدىللىكىنى ياقلايدىغان، قانائەتچان، دىلى يۇمشاق ئادەم ئىكەن. ئۇ شاگىرتلىرىنىڭ ئاق كۆڭۈل، دىلى يۇمشاق ئادەم بولۇشىنى تەكىتلەيدىكەن. ئۆزىمۇ شۇنچە كۆڭۈلچەك ئىكەنكى، پاشا چېقىپ قېنىنى شوراۋاتسىمۇ، پاشىغا ئىچى ئاغرىپ ئۆلتۈرمەيدىكەن. يول ماڭغاندا: چۈمۈلىگە دەسسەپ تاشلىماي، دەپ بەك ئاۋايلاپ، ئاستا دەسسەيدىكەن.
بىر كۈنى، دۇڭگۇ ئەپەندى ئۆيدە ئولتۇرۇپ، >ياخشىلىق قىلساڭ، ياخشىلىق كۆرىسەن< دېگەن تېمىدا ماقالە يېزىۋاتقاندا، شاگىرتىلىرىدىن بىرى كىرىپ: >سەركەردە جاۋ جيەنزى لەشكەرلىرىنى باشلاپ جۇڭشەن بەگلىكىگە ئۇرۇش قىلىشقا بارىدىكەن< دەپ خەۋەر قىپتۇ.
بۇ خەۋەردىن دۇڭگۇ ئەپەندىنىڭ ئەرۋاھى ئۇچۇپتۇ - دە، جاۋ جيەنزى بىلەن كۆرۈشكىلى مېڭىپتۇ. جاۋجيەنزى بۇرۇن دۇڭگۇ ئەپەندىگە شاگىرت بولغانىكەن، جاۋجيەنزى ئوردىسىدا خەرىتە كۆرۈۋاتقاندا، دۇڭگۇ ئەپەندى تالادىن كىرىپلا:
- سىز نېمىدەپ جۇڭشەن بەگلىكى بىلەن ئۇرۇش قىلىسىز؟ نېمىشقا پۇقرالارنى ئۆلۈم مەيدانىغا ئاپىرىسىز؟ - دەپ كايىپتۇ.
جاۋجيەنزى دۇڭگۇ ئەپەندىگە ھۆرمەت بىلدۈرگەندىن كېيىن، مۇنداق دەپ چۈشەندۈرۈپتۇ:
- جۇڭشەن بەگلىكىدىكىلەر توختامغا خىلاپلىق قىلىپ، پۇقرالىرىمىزنى قىرىپ، بۇلاڭ - تالاڭ قىلىۋاتىدۇ، چوڭ دۈشمەن ئالدىدا پۇقرالار ئۆزىنى قوغدىشى كېرەكمۇ ياكى جىم ئولتۇرۇپ ئۆزىنى ئۆلۈمگە تۇتۇپ بېرىشى كېرەكمۇ؟
دۇڭگۇ ئەپەندى جاۋاب بېرەلمەي، ئاخىر:
- قالايمىقان، بىھۇدە ئادەم ئۆلتۈرمەڭ، - دەپ تاپىلاپ چىقىپ كېتىپتۇ.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، جاۋجيەنزىنىڭ ئۇرۇشتا غەلىبە قىلغانلىق خەۋىرى تارقىلىپتۇ، پۇقرالار شەلپەر تارتىپ، داقا - دۇمباق چېلىپ تەنتەنە قىپتۇ، بىراق شاگىرتلاردىن بىرى يەنە دۇڭگۇ ئەپەندىگە:
- جاۋجيەنزى جۇڭشەن بەگلىكىدە ھەر كۈنى ئادەم ئۆلتۈرۈۋاتقۇدەك، - دەپ خەۋەر يەتكۈزۈپتۇ. بۇ خەۋەردىن ئۇنىڭ سەپرايى ئۆرلەپ، شىرەنى مۇشتلاپ، جاۋجيەنزىنى قارغاپتۇ.
ئەتىسى دۇڭگۇ ئەپەندى ئېشىكىگە بىر قاپ كىتابنى ئارتىپ، سەپەرگە چىقىپتۇ. يول بويى كىشىلەردىن جاۋجيەنزىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپتۇ. جۇڭشەن بەگلىكىنىڭ تەۋەسىگە ئاز قالغاندا، يول بويىدا بىر ئايالنىڭ يىغلاپ ئولتۇرغانلىقىنى كۆرۈپتۇ - دە، قېشىغا كېلىپ:
- سىزگە نېمە خاپىلىق يەتتى، ئېرىڭىزنى جاۋجيەنزى ئۆلتۈرۈۋەتتىمۇيا؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ياق، بالامنى بۆرە يەپ كەتتى! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ ئايال.
دۇڭگۇ ئەپەندى ئايالغا تەسەللى بېرىپ، يولىغا راۋان بوپتۇ. مېڭىپتۇ، مېڭىپتۇ، بىر يەرگە كەلگەندە يىراقتىن توپا - چاڭ كۆرۈنۈپتۇ، بەلكى ئۇ يەردە جاۋجيەنزى ئادەملەرنى قوغلاپ ئۆلتۈرۈۋاتسا كېرەك دەپ، ئويلاپتۇ دۇڭگۇ ئەپەندى. ئەمەلىيەتتە، جاۋجيەنزى ئۇ يەردە كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالغان ۋەھشىي بۆرىلەرنى يوقىتىۋاتقانىكەن. شۇ ئەسنادا، قۇلىقى يارىلانغان بىر بۆرە جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈرۈپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپتۇ. دۇڭگۇ ئەپەندى قورققىنىدىن چىرايىدا قان قالماپتۇ، نېمە قىلىشنى بىلمەي تىترەپ تۇرغاندا، بۆرە ئۇدۇللاپ كېلىپ كۈتمىگەندە ئۇنىڭغا يالۋۇرۇپتۇ:
- ۋاي تەقسىر، مەندىن قورقماڭ، مەن ئاق كۆڭۈل بۆرە، ئادەم يەيدىغان بۆرىلەردىن ئەمەس. كىشىلەر مېنى ئۆلتۈرۈشكە قوغلاپ كېلىۋاتىدۇ، مېنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىڭ!
دۇڭگۇ ئەپەندى تۇرۇپ كېتىپ:
- راستتىن ئادەم يېمەمسەن؟ - دەپ سوراپتۇ.
- راست، راست. مەن ئەزەلدىن ئادەم يېگەن ئەمەس، - دەپ تېخىمۇ يالۋۇرۇپتۇ بۆرە بىچارە قىياپەتتە.
دۇڭگۇ ئەپەندىنىڭ بۆرىگە رەھمى كەپتۇ. قاپتىكى كىتابلارنى يەرگە تۆكۈپ بۆرىنى قاپقا سۇلاپتۇ، ئۈستىگە كىتابلارنى قاچىلاپ، قاپنىڭ ئاغزىنى بوغۇپتۇ - دە، ئاستىغا قويۇپ، كىتاب كۆرگەن بولۇپ ئولتۇرۇپتۇ.
سەل ئۆتكەندىن كېيىن جاۋجيەنزى لەشكەرلىرى بىلەن يېتىپ كەپتۇ. قارىسا، دۇڭگۇ ئەپەندى يول ياقىسىدا كىتاب كۆرۈپ ئولتۇرغان. جاۋجيەنزى دەرھال ئاتتىن چۈشۈپ ئۇستازىغا سالام بېرىشىگە، دۇڭگۇ ئەپەندى جاۋجيەنزىنى:
- نېمىشقا قالايمىقان ئادەم ئۆلتۈرىسىز؟ - دەپ ئەيىبلەپتۇ. جاۋجيەنزى ئەھۋالنى چۈشەندۈرۈپ بۆرە يوقىتىۋاتقانلىقىنى مەلۇم قىپتۇ، ئاندىن:
- ئالدىڭىزدىن بىر بۆرە ئۆتتىمۇ؟ - دەپ سوراپتۇ. دۇڭگۇ ئەپەندى قەستەنگە:
- كۆرمىدىم، - دەپ يالغان ئېيتىپتۇ.
بىللە كەلگەن ئەسكەرلەر بۆرە ئىزىنىڭ مۇشۇ يەردە غايىب بولغانلىقىنى سېزىپ، تاغارنى ئاختۇرۇشقا تەمشەلگەندە، دۇڭگۇ ئەپەندى بەك ئاچچىقلاپ ئاختۇرغىلى قويماپتۇ. جاۋجيەنزى ئۇستازىنىڭ يۈزىنى قىلىپ، لەشكەرلىرىنى باشلاپ كېتىپ قاپتۇ.
دۇڭگۇ ئەپەندى بايىقى كىشىلەرنى يىراققا ئۇزىتىۋەتكەندىن كېيىن، كۆڭلى ئارام تېپىپ، بۆرىنى تاغاردىن چىقىرىپتۇ ۋە خالتىسىدىن بىر نان چىقىرىپ بۆرىگە تەڭلەپتۇ، بىراق بۆرە ئەزەلدىن نان يەپ باقمىغانلىقىنى، مەخسۇسلا گۆش يەپ چوڭ بولغانلىقىنى ئېيتىپتۇ، دۇڭگۇ ئەپەندى ئېشىكىنى بەرمەكچى بولغاندا، ئېشەكمۇ دەرھال جاڭگال تەرەپكە قېچىپتۇ. شۇ ئەسنادا، بكرە چىشلىرىنى ھىڭگايتقان ھالدا دۇڭگۇ ئەپەندىنى يېمەكچى بولۇپ ئېتىلىپتۇ. دۇڭگۇ ئەپەندى:
- ۋايجان، مېنى قۇتۇلدۇرۇڭلار! - دەپ شۇنچە ۋارقىرىسىمۇ ھېچكىم كەلمەپتۇ. ئاخىر بولماي بۆرىگە مۇنداق دەپتۇ، - بۇ ئەھۋالنى باشقىلارغا ئېيتىپ باقايلى، ئۇلار مېنى يېيىشىڭگە قوشۇلسا ئاندىن يېگىن.
بۆرە كۆڭلىدە: بەرىبىر مەندىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەنغۇ، - دەپ ئويلاپ، بۇ تەلەپكە كۆنۈپتۇ. دۇڭگۇ ئەپەندى بۆرىگە ئەگىشىپ مېڭىپتۇ. ئۇلار ماڭا - ماڭا، بىر يەرگە كەلگەندە ئېتىزدا ئىشلەۋاتقان بىر قېرى دېھقانغا يولۇقۇپتۇ. دۇڭگۇ ئەپەندى قورقۇنچلۇقتا ئەس - ھوشىنى يوقاتقان بولغاچقا، سالام بېرىشنىمۇ ئۇنتۇپ، ئەھۋالنى بوۋايغا ئېيتىپتۇ. بۆرىمۇ ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ:
- بۇ ئادەم مېنى تاغارغا سولىۋېلىپ، - ئۆلتۈرۈپ قويغىلى تاس قالدى، - دەپ داتلاپتۇ.
بوۋاي بىر پەس ئويلىنىۋالغاندىن كېيىن، قاپتىكى كىتابلارنى يەرگە تۆكۈپتۇ - دە، ئاندىن بۆرىگە قاراپ:
- بۇ كىچىككىنە قاپقا سەندەك بىر بۆرىنىڭ پېتىشىغا ئىشەنمەيمەن، گېپىڭ راست بولسا، قاپقا يەنە بىر كىرىپ باققىن، ئەگەر پاتساڭ، بۇ ئادەمنى يېسەڭ بولىدۇ، - دەپتۇ.
ئاچكۆز بۆرە دۇڭگۇ ئەپەندىنى يېيىشكە ئالدىراپ >ماقۇل< دەپ قاپقا كىرىپتۇ. بوۋاي دەرھاللا قاپنىڭ ئاغزىنى چىڭ ئېتىۋاپتۇ، ئاندىن قولىغا كەتمەن ئېلىپ راسا ئۇرماقچى بولۇۋاتقاندا، دۇڭگۇ ئەپەندى يۈگۈرۈپ كېلىپ:
- ئۇۋال بولىدۇ. ئۇرماڭ! - دەپ توسۇۋاپتۇ. بوۋاي دۇڭگۇ ئەپەندىنى ئىتتىرىۋېتىپ، كەتمەننىڭ چۇلدىسى بىلەن بۆرىنى دۇمبالاۋېرىپتۇ...
بۆرە ئۆلەر ھالەتكە يەتكەندە، ئۇنى تاغاردىن چىقىرىپتۇ. دۇڭگۇ ئەپەندى بۆرىگە ئىچ ئاغرىتىپ تۇرسا، بۆرە جان ئۈزۈۋېتىپ:
- ۋاي ئىسىت، سەن موللىنى ئەجەپ يېيەلمىدىم - ھە! - دەپ ھەسرەت چېكىپتۇ. شۇ ئەسنادا، دۇڭگۇ ئەپەندى يولدا كۆرگەن ھېلىقى ئايال كېلىپ:
- مېنىڭ بالامنى يېگەن بۆرە مانا مۇشۇ! - دەپ غەزەپ - نەپرەت ياغدۇرۇپتۇ. بىر ئازدىن كېيىن، جاۋجيەنزىمۇ يېتىپ كەپتۇ. ئۇ بۇ ئىشلاردىن خەۋەر تېپىپ، بايا ئۆزىنىڭ بىخۇدلۇق قىلىپ كېتىپ قالغانلىقىنى ئىقرار قىپتۇ. ئۇ مۇلازىملىرىدىن بىرىگە بۆرىنىڭ قورسىقىنى يارغۇزغانىكەن، بۆرىنىڭ قورسىقىدىن نۇرغۇنلىغان ئادەم چىشى ۋە چاچ چىقىپتۇ.
خىجىللىقتىنيۈزى قىزارغان دۇڭگۇ ئەپەندى بوۋايغا مىننەتدارلىق بىلدۈرۈپ، ئۈ - تىن چىقارماي جاۋجيەنزىگە ئەگىشىپ قايتىپ كەپتۇ.
شۇنىڭدىن كېيىن، دۇڭگۇ ئەپەندى ۋەھشىي بۆرىگە رەھىم قىلماسلىققا، ۋەھشىي بۆرىدەك يامان ئادەملەرگىمۇ رەھىم قىلماسلىققا بەل باغلاپتۇ. ئۇ قەلەمنى قولىغا ئېلىپ، ھېلىقى پۈتمىگەن >ياخشىلىق قىلساڭ، ياخشىلىق كۆرىسەن< دېگەن ماقالىنى ئۆچۈرۈۋېتىپ، باشقىدىن >ياماننى يوقات تۈگىگىچە، ئوتنى يۇل يىلتىزغىچە< دېگەن بىر ماقالىنى يېزىپ چىقىپتۇ.