UyghurWiki
UyghurWikiماسالتۇمان

تۇمان

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى غەربتىن چىقىۋاتقان شامالغا نارازى بولغان تۇمان: - مېنى نېمىشقا قوغلايسەن؟ - دەپتۇ. - سەن مەھەللىنىڭ ئۈستىنى قاپلىۋالساڭ، قوغلىماي، بېشىڭدىن سىيلاپ ئەركىلىتىشىم كېرەكمىدى؟ - قاپلىۋالسام نېمە بوپتۇ؟ مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش سەيلە قىلىپ كۈن كۆرەي - دە! - كۈن كۆر، ھېچكىم سېنى كۈن كۆرمىسۇن دېمەيدۇ، بىراق باشقىلارنىڭ كۈن كۆرۈشىگە توسالغۇلۇق قىلمىغىن. ئۆزۈملا دەپ يۈرگەن ھەر قانداق بەندە، باشقىلار بەختىگە بۇلار كۈشەندە.
← بارلىق تېمىلار ماسال
تۇمان | UyghurWiki | UyghurWiki