UyghurWiki
UyghurWikiماساللاچىننىڭ نەپسى

لاچىننىڭ نەپسى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر لاچىن يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ ئۇچىدىكى شاختا تۇرۇپ، يەردە ئادەملەرنىڭ تونۇر شەكلىدىكى بىر تورنى قۇرۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە بىر باچكىنى باغلاپ قويغانلىقىنى كۆرۈپ، تۆۋەندىكى شاخلاردا قونۇپ تۇرغان باشقا قۇشلارغا كۆرەڭلىك بىلەن: - قاراڭلار، ئاۋۇ ئادەمنىڭ ئەخمەقلىقىنى، مېنى ئاشۇ تورغا ئالدىنىپ چۈشىدۇ دەپ ئويلاۋاتىدۇ. مەن ئۇلار قويغان ئاشۇ قىلتاققا چۈشىمەنمۇ؟ مەن ئۇلاردەك ئەخمەق ئەمەس - دە! دەپتۇ - دە، ئۆزىنى خۇددى قۇشلارنىڭ پادىشاھىدەك تۇرۇپ، مەغرۇر ھالدا تۇرۇپتۇ. ئارىدىن ئۇزۇن ئۆتمەيلا، لاچىن ئاشۇ تورغا چۈشۈپ قاپتۇ. بۇ چاغدا دەرەختىكى قۇشلار ئۇنىڭغا قاراپ: - مەن ئالدانمايمەن دەۋاتمىدىڭمۇ، ئەجەبا، تورغا چۈشۈپ قاپسەنغۇ، - دېيىشىپتۇ. - شۇنداق دەپ ئويلىغانىدىم، بىراق ئۇزۇن ئۆتمەيلا، ھېلىقى باچكىنى كۆرۈپ پۈتۈن جاھاننىڭ ئىچى ئوت بىلەن قاپلىنىپ، پەقەت مۇشۇ تونۇرنىڭ ئىچىدىنلا ئوچۇق ئاسمان ۋە باغ - بوستانلار كۆرۈنگەندەك بولدى. شۇ يەردىن ئۇچۇپ چىقىپ كېتەي دەپ ئۆزۈمنى بىرلا ئېتىپتىكەنمەن، بۇ تورغا چۈشۈپ قاپتىمەن، - دەپتۇ لاچىن.
← بارلىق تېمىلار ماسال