چۈمۈلىلەرنىڭ بىرلىكى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر چۈمۈلە ئوزۇق ئىزدەپ چېپىپ كېتىۋاتاتتى. ئۇنىڭغا يولدا بىر پارچە نان ئۇچراپ قالدى. چۈمۈلە ناننى ئۇۋىسىغا ئەكەتمەكچى بولۇپ، ھەر قانچە كۈچەپمۇ كۆتۈرەلمىدى.
چۈمۈلە يۈگۈرۈپ يولداشلىرىنىڭ يېنىغا باردى ۋە:
- يولدا بىر پارچە نان ئۇچرىغانىدى، كۆتۈرەلمىدىم، - دېدى.
- دوستلار، ھەممىمىز بىرلىشىپ كۆتۈرۈپ كېلەيلى، يۈرۈڭلار! - دېدى يەنە بىرى.
ھېلىقى چۈمۈلە بىر مۇنچە چۈمۈلىلەرنى ئەگەشتۈرۈپ يېتىپ كەلدى. ئۇلار بىرلىشىپ ناننى كۆتۈرۈپ ئۆز ئۇۋىلىرىغا ئەكىلىشتى ۋە بىرلىكتە راسا مەززە قىلىشىپ يېيىشتى.