شىكايەت
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
جەم بولۇشتى بىر كۈنى،
دەپتەر، كىتاب، قېرىنداش.
قىلىپ ئۇلار شىكايەت،
كۆزلىرىدىن تۆكتى ياش.
دەسلەپ ئېيتتى دەردىنى،
دەپتەر يىغلاپ ئۈمچىيىپ.
كىيىملىرى تىتىلغان،
ئاران قالغان مۈكچىيىپ.
- ئۇچراپتۇمەن، - دېدى ئۇ، -
بىر ئىسراپخور >نوچى< غا.
قىيناپ مېنى >نوچى<،
تىقتى پۈرلەپ بوغچىغا.
قالايمىقان جىجىدى،
تەلۋىلەرچە يۈزۈمگە.
رەھىم قىلماي قەلەمنى،
تىقتى چاقماق كۆزۈمگە.
ئايرىۋەتتى تېنىمنى،
يىرتىپ نەچچە پارچىغا.
ئاغرىتمىدى ئىچىنى،
مېنىڭدەك بىچارىغا...
ئۇندىن كېيىن قېرىنداش،
دېدى: - ئېيتاي ھالىمنى.
قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار،
مېنىڭ ھەسرەت - زارىمنى.
ئەكەلگەنتى بىر >سېخىي<،
مېنى ئېلىپ ئۆيىگە.
جېنىمدىن جاق تويدۇردى،
تىنماي ئۇچلاپ كۈنىگە.
ھە، دېسە گال پىچاقتا،
غىردايدۇ ئۇ گېلىمنى.
سىياھىمنى سۇندۇرۇپ،
قىينايدۇ ئۇ جېنىمنى.
ھايال قىلماي بۆلۈندۈم،
قاق ئىككىگە بېلىمدىن.
شۇندىن كېيىن تاشلىدى،
زېرىكتىم دەپ مېنىڭدىن.
بۇنى ئاڭلاپ كىتابجان،
كەتتى ئېغىر خۇرسىنىپ.
تۇرغانىدى بىر چەتتە،
ئۇمۇ ئۆكسۈپ - دومسىيىپ.
- بۇ دەدىڭلار، - دېدى ئۇ، -
تۇرمايدىكەن ياماققا.
ئىگەم مېنى ھەپتىلەپ،
سولاپ قويار قاماققا.
يىرتىپ تۇرار ھەر دائىم،
كۆڭلىكىمنى پارچىلاپ.
كېسەر يەنە زېرىكسە،
قوۋۇرغامنى قايچىلاپ.
كەتكەن چاغدا پۈكلىشىپ،
دەرمانىمدىن ئايرىلىپ.
كېرەكسىز بوپ سىلەردەك،
ئۆيدىن چىقتىم ھەيدىلىپ.
× ×
دەپتەر، كىتا، قېرىنداش،
سۆزلەپ بولۇپ دەردىنى.
ئۈچى بىر پەس كېڭىشىپ،
قويدى ئۈمىد شەرتىنى:
- كىمكى بىزدىن مۇۋاپىق،
پايدىلانسا كۆيۈنۈپ.
ئاڭا ئۈنۈم بېرىمىز،
بىزمۇ چەكسىز سۆيۈنۈپ.
ئىسراپچىلىق نومۇستۇر،
تۈزەتسۇن بۇ ئىللەتنى.
جارى قىلسۇن لېي فېڭدەك،
ئىقتىسادچىل خىسلەتنى.
ئۆگىنىشتە يارالسۇن،
يېڭى ئىستىل، قىياپەت.
بۇندىن كېيىن زارلىنىپ،
قىلمايلى بىز شىكايەت.