سوپىتورغاي سايراشنى قۇشلاردىن ئۆگەنگەن
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
سەھەردە، سوپىتورغاي قۇياشقا قاراپ ئۇچۇپ كېتىۋېتىپ، جاراڭلىق ئاۋازدا ناخشا ئېيتىپتۇ. ئۇنىڭ ناخشىسى ناھايىتى يېقىملىق ئىكەن. تاڭ سەھەردىن كەچ كىرگۈچە بار ئاۋازى بىلەن تىنماي سايرايدىغان قۇشقاچلار ئۇنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ، ئۆزلىرىنىڭ ئاۋازىنىڭ بەكمۇ يېمىمسىز ئىكەنلىكىنى ھېس قىپتۇ - دە، سايراشتىن توختاپ، پاراڭغا چۈشۈپتۇ:
- بىزدىمۇ شۇنداق بىر ئاۋاز بولغان بولسا قانداق ياخشى بولاتتى - ھە!
- ئۇنىڭ ئاۋازى تۇغما شۇنداق - دە!
- ئاۋازى ھەقىقەتەن قالتىس ئىكەن جۇمۇ. بۇ ئىشتا خۇدامۇ تازا ئادىللىق قىلماپتۇ، ئۇنىڭغا شۇنداق ياخشى ئاۋازنى بېرىپتۇ. ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق ئادەم ھۇزۇرلانغىنىدىن ئېسىنى يوقىتىپ قويىدۇ؛ ئەمما بىزگە بەرگەن ئاۋازچۇ، بىز پەقەت >چىرت - چىرت - چىرت< قىلىپ سايراشتىن باشقىنى بىلمەيمىز.
ئۇلار خۇدادىن بىر ئاز زارلىنىپ، ئېغىزلىرىنى يۇمۇشۇپتۇ.
سوپىتورغاي بۇ قۇشقاچلارنىڭ قېشىغا ئۇچۇپ كەپتۇ ۋە ئۇلاردىن:
- قۇشقاچ قېرىنداشلار، سىلەر نېمە ئۈچۈن ناخشا ئېيتمايسىلەر؟ - دەپ سوراپتۇ.
- بىز...، - دەپتۇ قۇشقاچلار سەل ئوڭايسىزلانغان ھالدا، - بىزنىڭ ئاۋازىمىز بەك سەت ئىكەن، ئېيتقان ناخشىمىزنى ھېچكىم ئاڭلىمايدىكەن.
- مەن سىلەر ئېيتقان ناخشىنى بەك ياقتۇرۇپ ئاڭلايمەن، شۇڭا سىلەرنىڭ ناخشاڭلارنى ئۆگەنمەكچىمەن، - دەپتۇ سوپىتورغاي.
- سىز بىزنى زاڭلىق قىلىۋاتمايدىغانسىز؟ - دەپتۇ قۇشقاچلار، - سىزنىڭ سوپىتورغاي ئىكەنلىكىڭىزنى كىم بىلمەيدۇ؟ سىزدە تۇغما ئاۋاز بار، ھەممە قۇشلارنىڭ ئاۋازىدا ناخشا ئېيتالايسىز، ئۇنىڭ ئۈستىگە، ناخشىڭىز شۇنداق يېقىملىق تۇرۇپ، يەنە باشقا قۇشلاردىن نېمىنى ئۆگەنمەكچىسىز؟
- سىلەر خاتالاشتىڭلار، - دەپتۇ سوپىتورغاي ئۇلارنىڭ گېپىنى ئاڭلاپ، - مۇبادا، مېنىڭ ناخشام ھەقىقەتەن يېقىملىق بولسا، بۇمۇ سېنىڭ تۇغما تالانتلىقىمدىن ئەمەس، بەلكى باشقا قۇشلارنىڭ ئۆگەنگەنلىكىمنىڭ نەتىجىسى. سىلەرمۇ نۇرغۇنلىغان قۇشلارنىڭ بىر تۈرى بولغىنىڭلار ئۈچۈن، تەبىئىيكى، سىلەردىنمۇ ئۆگىنىشىم كېرەك.
قۇشقاچلار بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىر - بىرىگە قارىشىپ قاپتۇ - دە، قايتا بىر نېمە دېمەپتۇ. ئۆزلىرى ناخشىنى ياخشى ئېيتالمىسىمۇ، باشقا قۇشلاردىن ئۆگىنىشنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان، ئەمما سوپىتورغاينىڭ ناخشىنى شۇنداق ياخشى ئېيتىپ تۇرۇپمۇ، يەنە ھەر سائەت، ھەر مىنۇت باشقا قۇشلاردىن ئۆگىنىشنى ئىسىدىن چىقىرىپ قويمىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، قاتتىق ئىزا تارتىپ كەتكەن قۇشقاچلار يەنە نېمىمۇ دېيەلىسۇن؟!