UyghurWiki
UyghurWikiماسالكىچىك ئوغرى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى

كىچىك ئوغرى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇندا، بىر ئوقۇغۇچى بالا ساۋاقدىشىنىڭ بىر دەپتىرىنى ئوغرىلىۋاپتۇ - دە، ئۆيىگە ئەكىلىپ ئانىسىغا كۆرسىتىپتۇ. ئانىسى ئۇنى ئەيىبلەپ تەربىيە بېرىشنىڭ ئورنىغا، ئەكسىچە، خۇشال بولۇپ، ئوغلىنى >ئەقىللىق بالام< دەپ ماختاپتۇ. ئانىسىنىڭ يول قويۇشى بىلەن بالىنىڭ يۈرىكى قاپتەك يوغىناپ، ئوغرىلىق ھەرىكىتى بارا - بارا ئېغىرلىشىپ، ئاخىر رەسمىي ئوغرىغا ئايلىنىپتۇ. بىر كۈنى، ئۇ ئوغرىلىق قىلىۋاتقان يېرىدە تۇتۇلۇپ قاپتۇ، ياساۋۇللار ئۇنى باغلاپ يامۇلغا ئاپىرىپتۇ. ئۇنىڭ جىنايىتى چېكىدىن ئاشقان بولغاچقا، ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپتۇ. ئۇ جازا مەيدانىغا يالاپ كېلىنگەن چاغدا، كىشىلەر توپىغا قوشۇلۇپ كەلگەن ئانىسى ۋارقىراپ يىغلاپ، مەيدىسىگە ئۇرۇپ، نالە - پەرياد قىپتۇ. شۇ چاغدا، جىنايەتچى: >ئانامنىڭ قۇلىقىغا دەيدىغان بىر ئېغىز گېپىم بار ئىدى، رۇخسەت قىلىڭلار!< دەپ ياساۋۇللار باشلىقىغا يالۋۇرۇپتۇ. ئانىسى ئالدىغا بېرىپ، قۇلىقىنى ئوغلىنىڭ ئاغزىغا يېقىن ئاپىرىپ تۇرغانىكەن، ئوغلى ئانىسىنىڭ قۇلىقىنى >كورس< قىلىپ چىشلەپ بىر پارچىسىنى ئۈزۈۋاپتۇ. ئانىسى >ۋايجان< دەپ ۋارقىراپ كېتىپتۇ، كىشىلەر تەرەپ - تەرەپتىن غۇلغۇلا قىلىشىپ: >ئانىسىغا شۇنداقمۇ ۋاپاسىزلىق قىلغان بارمۇ؟!< دەپ نەپرەت بىلدۈرۈپتۇ. ئوغۇل خالايىققا قاراپ: >يامان ئىشنى باشتىلا چەكلەش كېرەك، بالىسى بىلەن كارى بولماسلىق، بالىسىنى بۇزغانلىق بولىدۇ! دەسلەپ مەن دەپتەر ئوغرىلىغان چاغدا، ئانام مېنىڭ ئەدىپىمنى بەرگەن بولسا، مەن بۈگۈنكى كۈنگە قالماس ئىدىم. مېنىڭ ئۆلۈشۈمگە ئانام سەۋەبچى بولدى!< دەپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
كىچىك ئوغرى ۋە ئۇنىڭ ئانىسى | UyghurWiki | UyghurWiki