كۈن بىلەن شامال
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بىر كۈنى كۈن بىلەن شامال >قايسىمىز كۈچلۈك؟< دېگەن مەسىلىدە گەپ تالىشىپ قاپتۇ. شامال مۇنداق دەپتۇ:
- مېنىڭ كۈچۈمگە ھېچنېمە تەڭ كېلەلمەيدۇ. مەن ئۆي - ماكان، باغ - ۋارانلارنى ئاسمانغا ئۇچۇرۇۋېتىمەن، دەل - دەرەخلەرنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلايمەن، گەمە - ئازگاللارنى تىندۇرۇۋېتىمەن.
كۈن ئۇنىڭغاجاۋابەن مۇنداق دەپتۇ:
- مەن ئۆز نۇرۇم بىلەن پۈتۈن دۇنيانى يورۇتىمەن ۋە ئىسسىتىمەن.
شامال مازاق قىلىپ كۈلۈپتۇ ۋە:
- بۇنى قانداقمۇ كۈچ دېگىلى بولىدۇ؟ يولدا كېتىپ بارغان ئاۋۇ ئادەمنى كۆردۈڭمۇ، سەن قاراپ تۇرغىن، مەن ئۈستىدىكى جۇۋىسىنى سالدۇرۇۋالىمەن، - دەپتۇ -دە، بار كۈچى بىلەن پۈۋلەشكە باشلاپتۇ. يولۇچىنىڭ جۇۋىسىنى بىر ئۇياققا، بىر بۇياققا ئۇچۇرۇپتۇ... بىراق سالدۇرالماپتۇ، شۇنداق بولسىمۇ كۆرەڭلەپ:
- قانداقلىقىمنى كۆرگەنسەن، قارىغىنا، يولۇچىنىڭ جۇۋىسىنى ئۇچۇرغانلىقىمغا...، - دەپتۇ - دە، جىم بوپتۇ.
كۈن بىرلا كۈلۈمسىرەپ يەر - جاھاننى ئىسىتىشقا باشلاپتۇ. يولۇچى جۇۋىسىنىڭ تۈگمىلىرىنى يېشىپ، مەيدىسىنى ئېچىۋېتىپتۇ، ئاخىر جۇۋىسىنى سېلىشقا مەجبۇر بوپتۇ، شامال ھاڭ - تاڭ بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ ۋە:
- ئېيتقىنا، يولۇچىنىڭ جۇۋىسىنى قانداق سالدۇردۇڭ؟ - دەپ سوراپتۇ.
- ياخشىلىق بىلەن! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ كۈن ۋە دەرھال نۇر چېچىپ يەر يۈزىنى ئىسسىتىپتۇ... يەر - جاھان ئىللىپ، يېقىملىق كۈلۈمسىرەپتۇ. شامال مات بولۇپ، قۇيرۇقىنى خادا قىلىپ تىكىۋېتىپتۇ.