كىرپە بىلەن يىلان
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئىسسىق ياز كۈنلىرىنىڭ بىرى. سەھراغا سەيلىگە كېتىۋاتاتتۇق، بىر خەندەكنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىر يىلان بىلەن كىرپىنىڭ ئېلىشىۋاتقانلىقىنى كۆردۇق.
يىلان تولغىنىپ، ئاندىن سوزۇلۇپ قاچماقچى بولاتتىيۇ، لېكىن كىرپىدىن قۇتۇلالمايتتى.
- قورقماڭلار، يېقىنراق كېلىڭلار، - دېدى كېرىم.
- قاراڭلار! - دېدى مۇئەللىممۇ بىزگە يېقىنلىشىپ، - كىرپە يىلاننى قۇيرۇقىدىن چىشلىۋاپتۇ، ئۇنى يېۋەتمەكچى بولۇۋاتىدۇ.
يىلان ئۆزىنى ئۇياق - بۇياققا ئۇرغانسېرى، كىرپىنىڭ تىكەنلىرى ئۇنىڭغا تېخىمۇ بەتتەر سانجىلاتتى. يىلان قانغا بويالدى.
بىر پەستىن كېيىن يىلان ماغدۇرىدىن كېتىپ، يەردە سۇنايلىنىپ يېتىپ قالدى. بۇنى كۆرگەن كىرپە تىكەنلىرى ئارىسىدىن بېشىنى چىقىرىپ، يىلاننى مەززە قىلىپ يېيىشكە باشلىدى.