چاشقان بىلەن چۈمۈلە
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
چاشقان بىلەن چۈمۈلە قوشنا ئىكەن،
ۋە لېكىن پەرقلىق ئىكەن كەچمىشى.
تايانسا چۈمۈلە ھالال ئەمگەككە،
ئوغرىلىق، شۇملۇقكەن چاشقاننىڭ ئىشى.
كۆرەڭلەپ چاشقانباي ئاشۇ >كەسىپى< دىن،
كۆزىگە ئىلماسكەن چۈمۈلىنى ھەم.
دەپتۇ: - ئەي چۈمۈلە، ھالىڭ بەك مۈشكۈل،
ئىشلەتسەڭ بولمامدۇ ماڭا ئوخشاش پەم.
موھتاجلىق ئىچىدە ئۆتىسەن ھەر كۈن،
ئۆرتەيدۇ باغرىڭنى يوقسۇزلۇقتىن غەم.
ئۆگىتەي مەن ساڭا شۇنداق بىر ئەقىل،
قىينالماي يۈزۈڭگە توپلا ئوزۇق - يەم.
ئۆگەنسەڭ مېنىڭدەك ھۈنەر - >كەسىپ< نى،
بولىسەن تەييارلا ئولجىغا ئىگە.
مۈشكۈللۈك راھەتكە ئالمىشار شۇ چاغ،
يۈرۈيسەن گىدىيىپ مەندەك ھەممىگە.
چاشقاننىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ چۈمۈلە،
غەزەپتىن تەنلىرى تىترەپ كېتىپتۇ.
پاش قىلىپ چاشقاننىڭ قىلمىشلىرىنى،
پاكىتنى ئۈنچىدەك تىزىپ ئېيتىپتۇ:
ئەي چاشقان، شۇ ساڭا راھەتلىك كۈنمۇ؟
يۈرۈيسەن تۈنلەردە تىمىسقاپ - ماراپ.
ئوڭ كەلسە تەلىيىڭ ئېلىپ قاچىسەن،
گەر چۈشسەڭ تۇزاققا ھالىڭدۇر خاراب.
مەغرۇر بوپ ئۆتىسەن تېخى شۇ كۈنگە،
شورايسەن دېھقاننىڭ ھالال قېنىنى.
بۇلغايسەن تېنىڭدىن چېچىپ نىجاسەت،
ماڭلاي تەر ئاققۇزغان ئالتۇن دېنىنى.
ياشايمەن گەر ئاجىز بولسام جاھاندا،
سالمايمەن بىراۋنىڭ ھەققىگە ھەم كۆز.
رازىمەن پەقەتلا ئىشلەپ تاپقانغا،
ھالاللاپ تاپقىنىم بىرى ماڭا يۈز.
دالالەت قىلمىغىن مېنى بۇ ئىشقا،
ئۆزۈڭ ھەم بۇ يولدىن ئۈمىدىڭنى ئۈز.
بولارسەن ئاخىرى رەسۋايى جاھان،
تىلغىسا تەختىڭنى پولات تىغ ئۆكۈز.