UyghurWiki
UyghurWikiماسالھەرە بىلەن چۈمۈلە

ھەرە بىلەن چۈمۈلە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ياز كۈنلىرىنىڭ بىرىدە چۈمۈلە ئۇۋىسىدىن چىقىپ ئالدىراش ئۆزى ئۈچۈن ئوزۇق يىغىۋېلىش كويىدا كېتىۋېتىپ، گۈل - چېچەكلەر ئارا ئۇچۇپ شىرنە يىغىپ يۈرگەن ھەرە بىلەن ئۇچرىشىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا سالام بېرىپتۇ: - ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھەرە دوستۇم! سەنمۇ ماڭا ئوخشاش قىشلىق ئوزۇقۇڭنى تەييارلايمەن دەپ ئالدىراش بولۇۋاتقاندەك قىلىسەن؟ ھەرىمۇ چۈمۈلىگە سالام بەرگەندىن كېيىن، تەمكىن ھالدا: - دەرۋەقە، مەن بەكلا ئالدىراش، ئەمما ئۆزۈمنىڭلا غېمىدە ئالدىراش بولۇۋاتقىنىم يوق. مەن تىنماي ئەمگەك قىلىپ يىغقان گۈل شىرنىلىرىنى ئىنسانلارنىڭ ئوزۇقلۇقى ئۈچۈن بېرىمەن، - دەپتۇ. چۈمۈلە بۇنى ئاڭلاپ، تېڭىرقاپ تۇرۇپ كېتىپ: - ۋاي دوستۇم، بۇ قانداق گەپ؟ مەن تىنىم تاپماي ئوزۇق يىغساممۇ ئۆزۈمگە يەتكۈزەلمەيمەن، سەن تېخى >ئىنسانلار ئۈچۈن ئوزۇق يىغىپ بېرىمەن< دەيسەنغۇ؟! بۇنداق جاپا تارتقۇچە، ئۆزۈڭنىڭلا غېمىنى يېسەڭ بولمامدۇ؟ - دەپتۇ ھەرىگە ئىچ ئاغرىتقان ھالدا: ھەرە پىسىڭڭىدە كۈلۈپ قويۇپ جاۋاب بېرىپتۇ: - >ئەلگە باققان خار ئەمەس< دېگەن گەپ بار، بىز ھەرىلەر ئاۋۋال باشقىلارنى ئويلاشنى راھەت دەپ بىلىمىز. يىغقان ئوزۇقلۇقنى ئالدى بىلەن ئىنسانلارغا بېرىمىز، ئۇلار بۇ شېرىن يېمەكلىكلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ. ئۇلارمۇ بىزنى قەدىرلەپ يازلىقى گۈل - چېچەكلەر مول ئېچىلغان جايلارغا يۆتكەپ ئاپىرىپ قويىدۇ؛ خەۋپ - خەتەر، يامغۇر - يېشىندىن پاناھلىنىدىغان پۇختا ھەم قولايلىق ئۇۋا ياساپ بېرىدۇ؛ كېسەل بولساق دوختۇر ۋە دورىمۇ تەييار؛ قىشلىقى بىزگە يەتكۈدەك ئوزۇقلۇق قالدۇرۇپ، ئىسسىق، ئازادە ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرىدۇ. ھېچ نەرسىدىن غېمىمىز يوق. يازلىقى بولسا ئىنسانلار ئۈچۈن كۆپرەك ئىش قىلىپ بېرىشنىلا ئويلايمىز. ھەرىنىڭ بۇ سۆزلىرى چۈمۈلىنى قاتتىق ئويغا چۆمدۈرۈپتۇ: مەن ياز كەلسىلا ھەممىدىن بۇرۇن ئالدىراپ - تېنەپ ئوزۇق يىغىمەن، لېكىن ھامان يېتىشتۈرەلمەيمەن. مېنىڭ كىشىلەر ئالدىدا قەدىرىم يوق، ئاچ - توق قېلىشىم بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى يوق، قىلغان ئىشىمدا بەرىكەت يوق. بۇنداق تۇرمۇشنىڭ نېمە مەززىسى بولسۇن؟ چۈمۈلە مۇشۇ خىياللارنى باشتىن كەچۈرۈپ، پەرىشان ھالدا ئۆز ئۇۋىسىغا قاراپ كېتىپ قاپتۇ. ھەسەل ھەرىسى بولسا پايانسىز كەتكەن چىمەنزارلىقتا قاراپ ئۇچۇپ، گۈل - چېچەكلەر ئارىسىغا شۇڭغۇپ كىرىپ كۆزدىن غايىپ بوپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال