بىر تۈپ دەرەخ
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئۈستۈنكى شاخلىرىغا قۇشلار ئۇۋا سالغان، تۆۋەن تەرەپتىكى قويۇق يوپۇرماقلىرى كۈن نۇرىنى توسۇپ كۆلەڭگە چۈشۈرۈپ تۇرىدىغان، يوغان بىر تۈپ دەرەخنىڭ تۈۋى ھايۋانلار دەم ئالىدىغان سورۇن ئىكەن.
قۇشلار ۋە ھايۋانلار بۇ يەرگە كېلىپ دەم ئالغان چاغلاردا، يوغان دەرەخ قۇش، ھايۋانلارنىڭ ساياھەت ھەققىدە قىلغان گەپ - سۆزلىرىنى ئاڭلاپ تۇرىدىكەن. ئۇلار بۇنداق سۆزلەرنى قىلىشقانسېرى، يوغان دەرەخنىڭمۇ چەت ئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلغۇسى كەپتۇ - دە، قۇشلاردىن ئۆزىنىمۇ بىللە ئالغاچ كېتىشنى تەلەپ قىپتۇ، ئەمما يوغان دەرەخنىڭ قانىتى بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تەلىپى رەت قىلىنىپتۇ. ئۇ ھايۋانلاردىنمۇ ئۆزىنى بىللە ئالغاچ كېتىشنى تەلەپ قىلغاندا، ئۇنىڭ پۇتى بولمىغاچقا، تەلىپى يەنە رەت قىلىنىپتۇ. شۇنداقتىمۇ يوغان دەرەخ بۇنىڭ بىلەن ئۈمىدسىزلىنىپ قالماپتۇ ۋە قىيىنچىلىقلاردىن قورقۇپمۇ كەتمەپتۇ. قۇش ۋە ھايۋانلار ياردەم قىلىشقا ئۇنىمىغاندا، ئۇ ئۆزى ئامال قىپتۇ. ئۇ ئىككىنچى يىلى يوپۇرماق چىقارغاندىن تاشقىرى، يەنە بىرىنچى قېتىم مېۋىلەپتۇ. يوغان دەرەخنىڭ مېۋىسى ھەم چىرايلىق، ھەم تاتلىق ئىكەن. يوغان دەرەخ ئۆز ئۇرۇقىنى مېۋە گۆشىنىڭ ئىچىگە ماھىرلىق بىلەن ئوراپ قويۇپتۇ. بۇ چاغدا قۇش ۋە ھايۋانلار ئۇنىڭدىن تالىشىپ يۈرۈپ ئوزۇقلىنىپتۇ.
شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، يوغان دەرەخ قۇش، ھايۋانلارغا تايىنىپ ئۇرۇقلىرىنى تارقىتىپ، دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىنى ساياھەت قىلىپ يۈرۈيدىغان بولغانىكەن.