UyghurWiki
UyghurWikiماسالئەگرى شاخنىڭ تەقدىرى

ئەگرى شاخنىڭ تەقدىرى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئەتىياز پەسلى. ئېرىق بويىغا تىكىلگەن تېرەك كۆچىتى بىخ سۈرۈپ ئىككى تال نوتا چىقاردى. كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نوتىلارنىڭ بىرى، تۈپتۈز بوي تارتىپ، يەنە بىرى بولسا، ئەگرى - دوناي بولۇپ يانغا قاراپ چوڭىيىشقا باشلىدى. بىر كۈنى تۈز نوتا ئەگرى نوتىغا قاراپ: - ئاداش، تېرەك كىچىكىدىن تۈز ئۆسمىسە چوڭ بولغاندا كارغا كەلمەي قالىدۇ، - دەپ سۆز باشلىۋىدى، ئەگرى نوتا كۆزلىرىنى ئالايتىپ: - سەن مەن ئۈچۈن غەم يەپ كەتمە. ھازىرچە بولۇشىغا ئۆسۈۋېرەي، چوڭ بولغاندا ئۆزۈمنى تۈزىۋالىمەن، - دەپ تۈز نوتىنىڭ سۆزىنى قېقىۋەتتى. ئاردىن بىر قانچە يىل ئۆتتى. ئەگرى شاخ ئۆزىنى تۈزىۋېلىش ئۇياقتا تۇرسۇن، بۇرۇنقىدىنمۇ بەتتەرلىشىپ كەتتى. بىر كۈنى ھەرە ۋە پالتا كۆتۈرگەن ئىككى ياغاچچى تېرەك تۈۋىگە كېلىپ، قىزغىن پاراڭغا چۈشتى: - ۋاھ، ماۋۇ شاخ ئەجەپ تۈز ئۆسۈپتۇ! - دېدى بىر ياغاچچى تۈز شاخنى كۆرسىتىپ، - ھەر قانداق چوڭ ئۆيگە لىم قىلىشقا يارايدىكەن. ياغاچ بولسا مۇشۇنداق تۈز بولسا... - ئەي، قارىمامسەن، ماۋۇنىڭ ئەگرىلىكىنى، - دېدى يەنە بىرى ئېچىنىش بىلەن ئەگرى شاخقا قاراپ، - بۇنى ئون يەردىن ھەرىدىمىسەڭ تۈزلىگىلى بولمايدىكەن. - قويساڭچۇ، - دېدى بىرىنچى ياغاچچى ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، - بۇ ئەگرىنى يۈز يەردىن توغرىساڭمۇ ياخشى ماتېرىيال چىقمايدۇ. ئۇنىڭدىن كۆرە ئوتۇن قىلغان تۈزۈك. ياغاچچىلار شۇ مەسلىھەتتىن كېيىن، تۈز شاخنى ئاۋايلاپ كېسىۋالدى. ئەگرىسىنى بولسا پالتا بىلەن پارە - پارە قىلىپ ئوتۇنخانىغا ئاپىرىپ تاشلاپ قويدى.
← بارلىق تېمىلار ماسال