UyghurWiki
UyghurWikiماسالۋېلىسپىت بىلەن چاق

ۋېلىسپىت بىلەن چاق

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر كۈنى ۋېلىسپىت كۆرەڭلەپ تۇرۇپ، چاققا مۇنداق دەپ ماختىنىپتۇ: - مەن بولسام كىشىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق قاتناش قورالى، كۆپلىگەن كىشىلەر مېنى مىنىپ ئىش - ھەرىكەت ئورنىغا بارىدۇ ۋە قايتىپ كېلىدۇ. سەن بولساڭ مېنىڭ ئاستىمدا تۇرىدىغان ئەرزىمەس بىر نەرسە. - راست، سەن كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان قاتناش قورالىسەن، بىراق، سەن مەنسىز ھەرىكەتلىنەلمەيسەن، - دەپتۇ چاق. ۋېلىسپىت يەنىلا ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ: - سەن دېگەن نېمە ئىدىڭ، سەن بولمىساڭمۇ مەن ھەرىكەت قىلىۋېرىمەن، - دەپ تۇرۇشىغا چاق ۋېلىسپىتتىن ئاجراپ بىر چەتكە چىقىۋاپتۇ. چاقتىن ئايرىلغان بۇ ھاكاۋۇر ۋېلىسپىت شۇئان كېرەكسىز تۆمۈر جازىغا ئايلىنىپ قاپتۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ ئورۇنسىز ماختانغانلىقىغا قاتتىق پۇشايمان قىپتۇ، ئەمما ئورنىغا كەلمەپتۇ. بۇ چاغدا >پۇشايماننى ئالىدىغان قاچا يوق< دېگەن ماقالىنىڭ مەنىسىگە چوڭقۇر يېتىپتۇ
← بارلىق تېمىلار ماسال
ۋېلىسپىت بىلەن چاق | UyghurWiki | UyghurWiki