خىش ۋە تام
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئېگىز كۆتۈرۈلۈپ كۆركەم تۈس ئالغان تام، يەردە تۇرغان بىر پارچە خىشقا مەغرۇرانە قاراپ:
- ئەي، تاشلاندۇق خىش، قارا، مەن نېمىدېگەن ھەيۋەتلىك قەد كۆتۈرۈپ تۇرىمەن - ھە! سەن بولساڭ كۆزگە ئىلىنماي، يەردە دەسسىلىپ ياتىسەن، - دەپتۇ.
خىش بۇ سۆزنى ئاڭلاپ مەيۈسلەنمەي، قاقاقلاپ كۈلۈپ كېتىپتۇ ۋە:
- ئەي، ئۆزىنى بىلمىگەن ئۇزۇنتۇرا، سەن ئاسماندىن ئۇچۇپ چۈشتۈڭمۇ ياكى شۇنداقلا يەردىن ئۈنۈپ چىقتىڭمۇ؟ سەن ئەسلىڭنى ئۇنتۇپسەن. ئېيتقىنا، مېنىڭسىز قەد كۆتۈرۈپ تۇرالامسەن؟ - دەپتۇ.
تام نېمىدەپ جاۋاب بېرىشنى بىلمەي، ئاقىرىپ كېتىپتۇ، خىش سۆزىنى يەنە داۋاملاشتۇرۇپتۇ:
- سەن ماڭا ئوخشاش پارچە - پارچە خىشلارىن بۈگۈنكىدەك مەغرۇر قەد كۆتۈرگەنسەن. بۇنى كىم بىلمەيدۇ؟
- خىشنىڭ سۆزى راست، دەپتۇ تام ئۈستىگە قونۇپ تۇرغان كەپتەر قانات قېقىپ.
- راست - راست، - دەپ ئىرغاڭشىپ شىلدىرلاپ كېتىپتۇ يول ئۈستىدىكى دەرەخلەر.
- بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاۋاتامسەن؟ - دەپ سىلكىنىپتۇ يەر، - ئەگەر مەندىن قۇيۇلغان خىش بولمىسا، سەنمۇ بولمايتتىڭ، بۇنى ئۇنتۇپ قالما!
ئۇيۇلتاشتەك بۇ سۆزلەر ئوقتەك ئېتىلىپ، تامنىڭ كۆكسىگە تەگكەندىن كېيىن، تام ھەقىقەتكە تەن بېرىپ، ئاستاغىنا:
- راست دېدىڭلار، قەددىمنىڭ خىشتىن پۈتكەنلىكىنى ئۇنتۇپتۇمەن...، - دەپتۇ.