UyghurWiki
UyghurWikiماسالئوت بىلەن سۇ

ئوت بىلەن سۇ

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى مەش ئىچىدە گۈلدۈرلەپ كۆيۈۋاتقان ئوت قازان ئىچىدىكى پورۇقلاپ قايناۋاتقان سۇغا قاراپ ماختىنىشقا باشلىدى: - مېنىڭ قاتتىق قىزدۇرۇشۇمغا چىدىيالمايۋاتىسەن، ئەمدىغۇ مېنىڭ قۇدرەتلىك كۈچۈمگە قايىل بولغانسەن. - لېكىن سەن كىچىككىنە بىر تال سەرەڭگىنىڭ يالقۇنىدىن پەيدا بولغانلىقىڭنى، مەن ئۈستۈڭگە چېچىلىشىم بىلەنلا ئۆچۈپ قالىدىغانلىقىڭنى ئۇنتۇما، - دەپ جاۋاب بەردى سۇ.
مۇناسىۋەتلىك:lughet.org — 3 تىللىق لۇغەتturkiclex.com — تۈركىي تىللار لۇغىتى
← بارلىق تېمىلار ماسال