UyghurWiki
UyghurWikiماسالپىكاپ ۋە قارا ماشىنا

پىكاپ ۋە قارا ماشىنا

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ھويلىدا تۇراتتى كۆپلىگەن پىكاپ، ئىشى يوق، بىمالال سۇنۇشۇپ ئاپتاپ. زېرىكىپ ئۆز ئارا پاراڭ باشلاشتى. جىمجىتلىق پەردىسىن يىرتىپ تاشلاشتى: - كۈنىگە تۆت ئۆتسەم غالچا دەمدىكىن؟ پارقىراپ يۈرگەنگە سەھەت يەمدىكىن؟ ۋە لېكىن مەندە بار خېلى چوڭ ھوقۇق، مەندىكى بۇ ھوقۇق ھېچ كىشىدە يوق! چاڭىلداپ سۆزلەيتتى بىر يېشىل پىكاپ، گويا ئۇ ھەممىگە قىلغاندەك خىتاب. پىكاپلار چۆرىدەپ يېقىن كېلىشتى، بولۇنغان سۆزلەرگە قۇلاق سېلىشتى. دېدى ئۇ: - بارىمەن ئۈچ مىنۇت بۇرۇن، ۋە مەيلى ئەتىگەن ۋە يا كەچقۇرۇن. ئۇ كىشى گاھىدا تۇرۇپ ساقلاپ، گاھىدا قەۋەتتىن چۈشەر پالاقلاپ، ناۋادا ۋاقتىدا چىقماي قالسىچۇ، ۋە ياكى پالاقلاپ چۈشمەي قالسىچۇ. بېرىمەن شۇئانلا ۋارقىراپ سىگنال، ئاڭلىغان ھامانە بولۇپ ئەقلى لال. تاشلاپلا چىقىدۇ ئىچكەن چېيىنى، چىقىدۇ سۆرەپلا سوڭغاق خېيىنى. كېچىكىپ قالدىممۇ؟ دەپمۇ قويىدۇ، گاھىدا ھىجىيىپ قاراپ كۈلىدۇ. ئەكىلىپ تاشلايمەن ئىشخانىسىغا، ئۇنتۇماس كۈلۈشنى قاراپ ئارقىغا. ھەر قانچە كۈلسىمۇ بولمايدۇ كارىم، ۋەزىپەم تۈگىسە نېمە پەرۋايىم! قاراڭلار چوڭمىكەن مەندىكى ھوقۇق؟ بۇنىڭدەك چوڭ ھوقۇق ھېچ كىشىدە يوق! - مەنچىلىك يوق ئىكەن سەندىكى ھوقۇق، قۇلاق سال، مەندە بار ئۈچ كىشىلىك ھوقۇق!- سۆز ئاچتى پارقىراپ تۇرغان ئاق پىكاپ، - ھەر كۈنى ئۈچ كىشى تۇرىدۇ ساقلاپ، ئۆيلىرى بولغاچقا ئۇ يەر، بۇ يەردە، قىسقىسى، ئۈچ كىشى ساقلار ئۈچ يەردە. كۆرمەستىن قالدىممۇ يېنىمدىن ئۆتسە، ئۆزىگە ئىشەنمەي بولۇپ دە دېسە؛ سۈرتىدۇ كۆزىدىن ئەينەكنى ئېلىپ، بىر چاغدا بارىمەن رادىئو چېلىپ. كۆرۈپلا باشلىنار ئۇنىڭ خۇشلۇقى، پىكاپقا ئولتۇرسا چىقار ھاردۇقى! سۆزىنى تۈگەتمەي كۈلدى قاقاقلاپ، ئەجەبكى بۇ كۈلكە ئىدى سوغۇقراق! - يائاللا بۇ سۆزلەر نېمانچە لاۋزا، - دېدى يۈك ماشىنا كۈلۈپ بىر ھازا. يېقىنلاپ كەلدى ئۇ قوپالراق مېڭىپ، پىكاپلار يېنىدا قالسىمۇ چېنىپ. دېدى ئۇ: - پېقىرنىڭ كەسپى ئەخلەتچى، ھېچقاچان دېمەسمەن ئۆزۈمنى غالچى. بۇ يەردە غالچا يوق ھەم يوق ھوقۇقدار، ئويلاڭلار ھەممىنىڭ ۋەزىپىسى بار. توشۇشقا ماڭىسەن ۋەزىپەڭ ئۈچۈن، بولمىسا مېڭىشىڭ زادى نېمىچۈن؟! غەيۋەتنىڭ ئانىسى بوش - بىكارچىلىق، بىمەنە گەپ - سۆزمۇ ئاۋارىچىلىق. ئاپتاپتا قاقلىنىپ ياتقۇچە بۇندا، ماختىنىپ قۇرۇق پو ئاتقۇچە بۇندا: قاتناڭلار ئىش تېپىپ تېخىمۇ كۆپرەك، دۆلەتكە ئاشۇنداق ئىشچانلار كېرەك!
← بارلىق تېمىلار ماسال