UyghurWiki
UyghurWikiماسالئەدەبىيات - سەنئەت ئىلاھىنىڭ ياردەمچى تاللىشى

ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلاھىنىڭ ياردەمچى تاللىشى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلاھى بارلىق جانلىقلارنى يىغىپ، كۆپچىلىكتىن ھاياتىي كۈچكە ئىگە بىر نەپەر شائىرنى ئۆزىگە ياردەمچىلىككە سايلاپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، مەسلىھەت سوراپتۇ. - زادى كىمنى سايلاشقا بولىدىغانلىقىغا كەلسەم، بۇ ماڭا ئېنىق ئەمەس، - دەپتۇ ئېشەك ئالدى بىلەن پىكىر بايان قىلىپ، - لېكىن مەن شۇنداق ھېسابلايمەنكى، ئىزوپ ئەپەندىنى سايلاشقا بولمايدۇ، ئۇ خەقنىڭ زىتىغا تېگىشنى ياخشى كۆرىدىغان ھە دېسىلا باشقىلارنى ئۇنداق دۆت، بۇنداق دۆت دەپ يۈرۈيدىغان ئادەم. بۇنداق ھاكاۋۇر ئادەمنى ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلاھىنىڭ ئوردىسىغا كىرگۈزۈشكە بولمايدۇ. - ئېشەك ئاكىمىزنىڭ پىكرى ئەھمىيەت بېرىشكە ئەرزىيدۇ، - دەپتۇ تۈلكە ئېشەكتىن كېيىنلا سۆز قىلىپ، - ئىزوپقا كەلسەك، بۇ بەكمۇ ھەسەتخور ئادەم. كىمكى ئازراق ئەقىللىقراق بولسا، ئۇ شۇ ئادەمنى ھىيلىگەر دەيدۇ، بەلكى كۆپىنچە ھاللاردا، ئادەمنى خىجىل قىلىپ، ئىنتايىن ئوڭايسىز ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويىدۇ. - ئۇنىڭ ئۈستىگە، مەن مۇنداق بىر نۇقتىنى تولۇقلاپ قوياي، - دەپتۇ شىر يۆتىلىپ قويۇپ، - ئىزوپ دېگەن بۇ ئادەم رەھبەرلىككە تولىمۇ ھۆرمەت قىلمايدۇ، رەھبەرلىك ئازراق قاتتىقراق تۇتۇپ قويسا ئۇ تېخى ئۇنداق الىم، مۇنداق ياۋۇز دەيدۇ. بۇنداق ئادەم ئەدەبىيات - سەنئەت ئوردىسىغا كىرىپ قالسا، خاتىرجەم بولالمايمىز. گەپ مۇشۇ يەرگە كەلگەندە، ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلاھى: - كۆپچىلىكنىڭ پىكرىگە قارىغاندا، ئىزوپ ئەڭ لاياقەتلىك نامزات ئىكەن، - دەپ جاكارلاپتۇ. بۇ ئەھۋال ئېشەك، تۈلكە ۋە شىرلارنى ھاڭ - تاڭ قالدۇرۇپتۇ. ئۇلار: - سىز تېخى ئۇنى قوللايدىغان بىرەر پىكىرنى ئاڭلىمىغان تۇرسىڭىز، كۆپچىلىك ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇۋاتسا، بۇ سىزنىڭ قانداق قىلغىنىڭىز؟ - دەپ سوراپتۇ. - دۇنيادىكى نۇرغۇن ئىشلاردا سەلبىي تەرەپكە قاراپلا، يەكۈن چىقارغىلى بولىدۇ، - دەپتۇ ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلاھى ئىزاھات بېرىپ، - قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تەمىنلىگەن پاكىتلىرى بەزىدە قوللىغۇچىلارنىڭ پاكىتلىرىغا سېلىشتۇرغاندا، تېخىمۇ ھەقىقىي ۋە ئىشەنچلىك بولىدۇ. بىر شائىر ئەگەر ئېشەكنىڭ دۆتلۈكىنى، تۈلكىنىڭ ھىيلىگەرلىكىنى ۋە شىرنىڭ ياۋۇزلۇقىنى سەزگۈرلۈك بىلەن كۆرۈپ يەتكەن ھەمدە پاش قىلىشقا پېتىنغان بولسا، ئۇ دەل ئەدەبىيات - سەنئەت ئىلاھىنىڭ ئەڭ ياخشى ياردەمچىسى بولالايدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال