UyghurWiki
UyghurWikiماسالسازەندە قاغا

سازەندە قاغا

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بىر ئورمانلىقتا نۇرغۇنلىغان جان - جانىۋارلار ياشايدىكەن. ئۇلارنىڭ ئىچىدە قاغا ناھايىتىمۇ ئۇستا سازەندە ئىكەن، جان - جانىۋارلارنىڭ ھەر قانداق توي - تۆكۈن، مەشرەپلىرى ئۇنىڭسىز ئۆتمەيدىكەن. قاغا بۇنىڭدىن بەكمۇ كېرىلىپ، بارغانسېرى ئۆزىنى چوڭ تۇتىدىغان بوپتۇ. توي - تۆكۈن، مەشرەپلەردە يەپ - ئىچىپ يېتىۋالىدىغان، باشقىلار يېلىنىپ بىر مۇنچە ماختىغاندىن كېيىنلا ئاندىن بىر - ئىككى پەدە چېلىپ بېرىدىغان بولۇۋاپتۇ. بۇ ئەھۋالدىن ئىچى تىتىلدىغان تورغاي بىر كۈنى قاغىغا: - بۇرادەر، سېنىڭ ھۆرمىتىڭنى شۇنچە قىلىۋاتساق، كۆڭلىمىزگە يارىشا بىرەر پەدە چېلىپ بەرمەيلا يېتىۋالساڭ قانداق بولغىنى؟ - دەپتۇ. بۇ سۆزگە قاغىنىڭ بەكمۇ ئاچچىقى كەپتۇ. ئۇ قاناتلىرىنى كېرىپ گىدەيگىنىچە بوغۇلۇپ: - كۆڭلۈڭنى دېسەم قانداق قىلسام بولاتتى، ھېلىمۇ چېلىپ بېرىۋاتىمەنغۇ ياكى ئەللەي ناخشىسىغا چېلىپ ھەممىڭنى ئۇخلىتىپ قويغاندىن كېيىن توختىسام رازى بولۇشامتىڭ!؟ - دەپ سۆزلەپتۇ. كۆپچىلىك قاغىنىڭ سۆزىگە غەزەپلىنىپ تۇرغاندا، ئوتتۇرىغا تىيىن چۈشۈپتۇ: - بولدىلا تورغاي، قاغا ئاكامنى رەنجىتىپ قويمايلى يەنە، ئۇ بولمىسا مەشرەپ قىزىماي قالمامدۇ! قاغا تىيىننىڭ سۆزى بىلەن تېخىمۇ غادىيىپتۇ ۋە: >ھىم، مېنىڭسىز قانداق قىلارسەنكىن قېنى؟< - دەپ ماڭغىلى قوپۇپتۇ. تىيىن بىر تەرەپتىن، تورغايغا كايىپ، بىر تەرەپتىن، قاغىغا يېلىنىپ، ئۇنىڭ پېشىدىن تۇتۇۋاپتۇ. تورغاي يېرىلغۇدەك بولۇپ: - قاغا ئاداش، سېنىڭ قابىلىيىتىڭگە بىز قايىل، بىراق بىلىپ قويغىنكى، سېنىڭ مۇزىكاڭنى ئاڭلايدىغانلار بولغانلىقى ئۈچۈنلا سەن ھۆرمەتلىك، مۇزىكىلىرىڭ داڭلىق، - دەپتۇ. قاغا يامانلاپ كېتىپ قاپتۇ. شۇنىڭ بىلەن مەشرەپ بۇزۇلۇپ، ئورمان تىمتاس بولۇپ قاپتۇ. تىيىن تورغايغا تەنە قىلىپ: - چەپەر سازەندىمىز كەتتى، ئەمدى مەشرەپنى سەن قىزىتقىن ئاداش، - دەپتۇ، بۇ سۆز قاغىنىڭ كۆرەڭلىكى بىلەن قوشۇلۇپ، تورغايغا بەكمۇ ھار كەپتۇ ۋە قانداقلا بولمىسۇن ساز چېلىشنى ئۆگىنىپ چىقىشقا بەل باغلاپتۇ. شۇنىڭدىن ئېتىبارەن، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ بېرىلىپ ئۆگىنىشكە باشلاپتۇ. قاغا بولسا باشقىلارنىڭ كېلىپ ئۆزىگە يېلىنىشىنى كۈتۈپ ئۆيدە يېتىپتۇ، لېكىن كۈنلەر ئۆتۈۋېرىپتۇ، ھېچكىم كەلمەپتۇ. ئاڭلايدىغان ۋە داڭلايدىغان كىشى بولمىغاچقا، بىردەمدە زېرىكىپ تاشلاپتۇ. بىر كۈنى، قاغا زېرىكىپ ئولتۇرسا، ئۆيگە تيىن كىرىپ كەپتۇ ۋە كەچتە ئۆتكۈزۈلىدىغان مەشرەپكە ئۇنى تەكلىپ قىپتۇ. قاغا بولسا ئىلگىرىكىدەك ھاكاۋۇرلۇقى بىلەن: - بارمايمەن! - دەپتۇ. - بېرىڭ قاغا ئاكا، زېرىكىپمۇ قالغانسىز، - دەپتۇ تىيىن، - ساز چېلىپ بەرسىڭىز تېخى ياخشى، چېلىپ بەرگۈڭىز كەلمىسە ئۇمۇ مەيلى، - دەپتۇ. قاغا تىيىن كەتكەندىن كېيىن ئويلىنىپ: ئۇلار مۇزىكامنى خېلى سېغىنغاندەك قىلىدۇ. تۆۋەنچىلىك بىلەن ھەممىنى ئىختىيارىمغا قويۇۋاتمامدۇ؟ ياخشىسى، بارماي، ئۇلار يولۇمغا قاراپ كۆزلىرى تېشىلىپ يەنە ئەلچى ئەۋەتكەندىن كېيىن باراي، ھەممەيلەن ماڭا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ ئورۇنلىرىدىن تۇرۇشسۇن... - دەپتۇ. قاغا تەمە بىلەن مانا كېلەر، ئەنە كېلەر دەپ ئولتۇرۇۋېرىپتۇ. بىراق ھېچكىم كەلمەپتۇ. ئاخىر قاغىنىڭ ئىچى تىتىلداپ مەشرەپكە يول ئاپتۇ. كەلگۈدەك بولسا، كۆپچىلىك تورغاينىڭ مۇزىكىسىغا ئۇسسۇل ئويناۋاتقۇدەك. قاغا داڭ قېتىپ تۇرۇپ قاپتۇ. بىردەمدىن كېيىن ئۇسسۇل ئاياغلىشىپ داستىخان تارتىلىپتۇ. كۆپچىلىك چەتتە تۇرغان قاغىنى كۆرۈپ دەرھال داستىخانغا تەكلىپ قىپتۇ. تورغان ئۇنىڭغا ئۆز يېنىدىن ئورۇن بېرىپتۇ. قاغا كۆڭلىدە: كاساپەت يامان ئەمەس چالىدىغان بولۇپ قاپتۇ، قاچانلاردىن بېرى ئۆگىنىۋالدىكىنە؟ لېكىن ماڭا يەتمىكى خېلى گەپ، ئۇنىڭ بىلەن بەسلىشىپ، ئۇنىڭ تېخى خام سازەندە ئىكەنلىكىنى كۆپچىلىككە تونۇتۇپ قويمايمۇيا؟ دەپ ئويلاپتۇ، تاماقتىن كېيىن قاغا سازنى ئۆزلۈكىدىن قولىغا ئېلىپ سازلاپتۇ. كۆپچىلىك جىمجىت ئولتۇرۇپ دىققەت بوپتۇ، بىراق قاغا قايسىلا پەدىگە چالسا قوللىرى ھېچ يۈرۈشمىگۈدەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە پەدىلەرنى خاتا بېسىپ سەت ئاۋازلارنى چىقىرىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئاڭلىغۇچىلارنىڭ دىققىتى بۇزۇلۇپتۇ. قاغا ئۆزىنى قويىدىغان جاي تاپالماي قاپتۇ. ئۇ كۆپچىلىكنىڭ يېلىنىشىنى تەمە قىلىپ مەشق قىلىشنى تاشلاپ قويغانلىقى، تورغاي بىلەن بەسلىشىشنىڭ ھازىرچە مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ھېس قىپتۇ - دە، ئىلاجىسىز سازنى تورغايغا بېرىپتۇ. تورغاي شوخ ۋە يېقىملىق پەدىلەرگە چېلىپ كۆپچىلىكنىڭ كۆڭلىنى شاد قىلىۋاتقاندا، قاغا ئاستا چىقىپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال