UyghurWiki
UyghurWikiماسالۋاسكېتبول بىلەن ۋالىبول

ۋاسكېتبول بىلەن ۋالىبول

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ۋاسكېتبول بىر مۇھىم مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۈچۈن چەت ئەلگە چىقماقچى بوپتۇ. ئۇنىڭ قەدىناس دوستى ۋالىبول ئۇنى ئۆيىگە مېھمانغا تەكلىپ قىلىپ، خوشلىشىش زىياپىتى بېرىپتۇ. زىياپەت باشلىنىپتۇ. ۋاسكېتبول ھاياجانلانغان ھالدا: - مەن بولسام كىشىلەر ھۆرمەت قىلىدىغان گېنېرالمەن. كىمكى قولىغا ئېلىۋالسا، غەلىبە ۋە شان - شەرەپ قازانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، - دەپ كۆرەڭلەپ كېتىپتۇ. - كىشىلەر مېنى ئۇياققا - بۇياققا پاس بېرىپ، ھېچكىم ئۆز يېنىدا بىردەممۇ قالدۇرۇشنى خالىمايدۇ، لېكىن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ماڭا بولغان چوڭقۇر مۇھەببىتى بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىمەن، - دەپتۇ ۋالىبول ئالدىرىماي. - ئىتتىرىش بىلەن تالىشىش ئىككى قارىمۇ قارشى ئۇقۇم. ئىككى قارىمۇ قارشى ھەرىكەت - دە! - دەپتۇ ۋاسكېتبول. - ئۇنىڭ خاراكتېرى ئوخشاشلا نومۇر ئېلىش، - دەپتۇ ۋالىبول. پەقەت يۈزەكى ئەھۋالغا قاراپ، ئۇنىڭ ماھىيىتىگە قارىمىغان ئادەمدە، ئۆزىگە نىسبەتەن توغرا تونۇشقا بولۇش ھەمىشە كەم بولىدۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال