UyghurWiki
UyghurWikiماسالچىراغ بىلەن پەرۋانە

چىراغ بىلەن پەرۋانە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى كۆرەڭلىدى چىراغباي، پەرۋانىگە ماختىنىپ. دېدى: - ھەممە مېنىڭدىن، ياشالمايدۇ ئايرىلىپ. پارلاق ئۆتكۈر نۇرۇمدا، يورۇتىمەن كېچىنى. ئايلاندۇرۇپ كۈندۈزگە، ئۆي - ئىمارەت، كوچىنى. چىراغ شۇنداق ماختىنىپ، كەتتى بىردىن گىدىيىپ. ئاشۇ چاغدا تۇيۇقسىز، نۇرى ئۆچتى، توك كېتىپ. يانغىنىدا قايتا ئۇ، دېدى تەمكىن پەرۋانە: - كۆرەڭلىسەڭ، ئەل ئۈچۈن، چاچالمايسەن دۇردانە. يورۇمايسەن ئىشچىنىڭ، بولمىسا تەر، ئەمگىكى. چاچالمايسەن نۇرۇڭنى، ئۈزۈلسە توك مەنبەسى. خىجىل بولۇپ بۇ سۆزدىن، چىراغ ئاستا قىزاردى. ئېسىل خىسلەت نۇرىدا، ئۆمرى ئۇنىڭ ئۇزاردى.
← بارلىق تېمىلار ماسال
چىراغ بىلەن پەرۋانە | UyghurWiki | UyghurWiki