ئۆتۈكباي بىلەن كالاچباي
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
سۇپىنىڭ ئۈستىدە غادىيىپ تۇرغان ئۆتۈكباي پەگاھتىكى كالاچبايغا:
- ئەي! كاۋچۇك خۇرۇم، پۈرۈم چۇرۇق، ياڭيۇ بۇرۇن، ئوتتۇرىسى يورۇق. پەگاھنىڭ دۇمباقچىسى، چوقاينىڭ گۇپپاڭچىسى. رەڭگىڭنىڭ سەتلىكىنى قارا، بولۇمسىز سۆرەلمە رەسۋا، پايتىمىچىلىك ئىناۋىتىڭ يوق ئېزىلەڭگۈ - لەقۋا. سەنچۇ، مېنى بىلىپ قوي، كۆزۈڭنى يوغانراق ئېچىپ تونۇپ قوي! مەن چېتىكخان، شىبلىتجان، ھەدە - ئىنىلىرىڭدىن، ھېلىقى پايپاقلىق مىخباي، سىيرىتمىلىق پاكار خېنىم گېتىرئاي، ھەتتاكى، چۇسۇنكا بوۋىلىرىڭدىن، مەسباي مومىلىرىڭدىنمۇ يۇقىرىمەن ئابرويدا.ئولتۇرىمەن زىلچە - گىلەم، كۆرپىلەردە بىر چىرايلىق ئەتىۋار. ھەر كۈنلۈكى خىزمىتىمدە، قول قوشتۇرۇپ تۇرار چوتكىباي، سېنىچۇ؟ سېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلماس، پەس گاداي...، - دەپ سۆزلەپتۇ.
بىگۇناھ ھاقارەتلەنگەن كالاچباي ھەيران بولۇپ:
- ھوي، ھۆرمەتلىك ئۆتۈكباي، نېمە قىلدىم سىزگە، مېنى مۇنچە ياراتماي؟ ئېيتىڭا، سىز بىلەن تۆر تالاشتىممۇ ياكى سىزگە كۆز ئالايتتىممۇ ۋە ياكى بىرەر سۆز دارتتىممۇ؟ تېخى مېنى ئىلمايسىز كۆزىڭىزگە، قاراپ بېقىڭ، مېنىڭسىز ئۆتكەن كۈنىڭىزگە! قايسى كۈنى مېنى ئۇنتۇپ چايغا كېتىپ، كەپسىز كەچتە قونچىڭىزغىچە لايغا پېتىپ. ئىچى - تېشىڭىز چىلىق - چىلىق، قورسىقىڭىز كۆپۈپ، ياتتىڭىزغۇ مەشنىڭ تۈۋىدە يېشىڭىزنى تۆكۈپ. ئەتىسى سىزنىڭ شور ئۆرلەپ كەتكەن رەڭگىڭىزگە قاراپ، خەقلەر دېيىشتى: >ئۆتۈكباينى بىرى كېچىچە ئاقارتتىمۇ ياكى ئۇ مۇشۇنداق كۈنلىرى يۈزىگە ئۇپا - ئەڭلىك ياقاتتىمۇ؟...< شۇ قېتىمقدا، چوتكىباينىڭ ياردىمىدە ئاران كەلدىڭىز ئەسلىڭىزگە، قاراپ سۆزلەڭ، ئەسلى - ۋەسلىڭىزگە... سىز ئېيتقاندەك، مەن بۇ ئۆينىڭ چاكىرى، ھەممىڭلارنىڭ پاكىرى. ماڭا چاچرىغاي بارچە چاڭ - پاتقاق. ئۆتۈك غوجام، مەن بولغاچقا سىز شۇنچە پارقىراق! - دەپ جاۋاب بېرىپتۇ.