UyghurWiki
UyghurWikiماسالسۈلھگە ئۇستا بۆرە

سۈلھگە ئۇستا بۆرە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بۇرۇنقى زاماندا تاغنىڭ بۆرىلىرى مەھەللىگە چۈشۈپ، كىشىلەرنىڭ قويلىىرنى يەپ، بەك ئاۋارە قىپتۇ. بۇنىڭغا قارشى ھەممە ئادەم ئىت بېقىپ، بۇ ئىتلارنىڭ ئىچىدىن تۆتنى تاللاپ بۆرە تۇتۇشقا چىقىرىپتۇ. بۇ ئىتلارنىڭ ئىچىدە بىرى چارۋىچىنىڭ، بىرى دېھقاننىڭ، بىرى قاسساپنىڭ، بىرى ئاشپەزنىڭ ئىتى ئىكەن. كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىتلار سايغا چىقىپ بىر بۆرىنى تۇتۇۋاپتۇ. بۆرە ئۆزىنىڭ تۇتۇلۇپ قالغىنىغا تەن بېرىپ: - مېنى يېسەڭلار يەڭلار، ئەمما سىلەر كىملەرنىڭ ئىتلىرى؟ - دەپ سوراپتۇ. - مەن چارۋىچىنىڭ. - مەن دېھقاننىڭ. - مەن قاسساپنىڭ. - مەن ئاشپەزنىڭ. ئىتلار بەس - بەس بىلەن ئۆزلىرىنى مەلۇم قىپتۇ. - ئۇنداق بولسا، مەن ئاشپەزنىڭ قويىنى يېمىگەن، شۇڭلاشقا مېنى ئاشپەزنىڭ ئىتى يېسە مەن رازى ئەمەسمەن، - دەپتۇ بۆرە دەرھال، ئۈچ ئىت بىرلىشىپ، ئاشپەزنىڭ ئىتىنى كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. بۆرە بىردەم تۇرۇپ: - مەن قاسساپنىڭمۇ قويىنى يېمىگەن، - دەپ يېلىنىپ تۇرۇۋاپتۇ. ئىككى ئىت بىرلىشىپ، قاسساپنىڭ ئىتىنىمۇ كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. بۆرە بىردەم تۇرۇپ يەنە: - چارۋىچىنىڭ ئىتى مېنى قانداق يېسە مەيلى، جىم يېتىپ بېرىمەن، بىراق مەن دېھقاننىڭ قويىنى زادىلا يېمىگەن، - دەپ تۇرۇۋاپتۇ. چارۋىچىنىڭ ئىتى دېھقاننىڭ ئىتىنىمۇ كەتكۈزۈۋېتىپتۇ. چارۋىچىنىڭ ئىتى يالغۇز قاپتۇ، شۇنىڭ بىلەن بۆرە ئۇنى چىشلەپ ئېگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرۇپتۇ ۋە ئاستىغا بېسىپ تۇرۇپ ئىتنىڭ يېلىنىش، نالە قىلىشلىرىغا قارىماي يېيىشكە باشلاپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال