ئالۋاستىنىڭ ئارزۇسى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
بۇرۇندا قادىر ئىسىملىك باتۇر ۋە زېرەك بىر ئوۋچى ئورمانلىقتا كېتىۋېتىپ بىر ئالۋاستىغا ئۇچراپ قاپتۇ - دە، دەرھال مىلتىقىنى ئېلىپ ئاتماقچى بوپتۇ. ئالۋاستى قورققىنىدىن غال - غال تىترەپ، قادىرغا يالۋۇرۇپ بىر قوشۇق قېنىنى تىلەپتۇ. بۇ چاغدا قادىر قەھر - غەزەپ بىلەن ئالۋاستىغا:
- جاھاندىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى سەندىن بىزار تۇرسا، سەن ياشاپ نېمە قىلاتتىڭ؟ - دەپتۇ.
- ياق، مەن دۇنيادا يالغۇز ئەمەس، ئادەمزاتلار ئارىسىدا مېنىڭ نۇرغۇن دوستلىرىم بار، - دەپتۇ ئالۋاستى.
- سەن جاھانغا پۇر كەتكەن بىر زىيانداش تۇرساڭ، سېنىڭ قەيەردىمۇ دوستۇڭ بولسۇن! قېنى، ئېيتىپ باقە، سېنىڭ دوستلىرىڭ كىم؟
- كىم بولاتتى، ئادەملەر ئارىسىدىكى ئۆگىنىشنى ياقتۇرمايدىغان، بىلىمنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان، يالغان - ياۋىداق گەپلەرگە ئىشىنىدىغان كىشىلەرنىڭ تولىسى مېنىڭ دوستۇم. ئۇلار مەندىن بەكلا قورقىدۇ ھەم مېنى بەك ھۆرمەتلەيدۇ.
قادىر بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويۇپ، ئالۋاستىنى بىر پاي ئوق بىلەنلا ئېتىپ ئۆلتۈرۈپتۇ.
بۇ مەسەل بىزگە شۇنداق بىر ھەقىقەتنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، بىلىم ئىنسان ئۈچۈن خۇددى كېچىدە يولنى يورۇتۇپ تۇرىدىغان مەشئەلگە ئوخشاش زۆرۈر، ئادەمنىڭ ھاياتلىقىنى جانلاندۇرىدىغان قانغا ئوخشاش قىممەتلىك. بىلىم - مەرىپەتنى سۆيمەيدىغان، ۋاقىتنى قەدىرلىمەي بىھۇدە ئۆتكۈزۈلىدىغان، قىيىنچىلىقتىن ئالۋاستىدىن قورققاندەك قورقىدىغان ئادەملەر خۇددى قۇرت چۈشكەن گىياھقا ئوخشاش بولۇپ، ئۇلارنى مۇبادا ئوت - خەس ئورنىدا قالىغاندىمۇ، پەقەت ئىسلا چىقىدۇكى، يالقۇن چىقمايدۇ، خالاس.