UyghurWiki
UyghurWikiماسالكۈچ - ئۆملۈكتە

كۈچ - ئۆملۈكتە

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى شىددەتلىك بوران سازلىقتىن يۈز ماڭدامدەك يىراقلىقتىكى يالغۇز بىر تۈپ دەرەخنى يىلتىزىدىن قومۇرۇپ تاشلىدى. قورققىنىدىن كۆزلىرى چەكچىيىپ كەتكەن بىر تال يۇمران قومۇش يېنىدىكى غوللۇق قېرى قومۇش قوينىغا ئۆزىنى ئاتتى. - قانداقمۇ قىلارمىز، تاغا؟ - دېدى ئۇ يىغلامسىراپ، - بوران شۇنچىۋالا يوغان دەرەخنى قومۇرۇپ تاشلىيالىغان يەردە، گەپ - سۆزسىز بىزنىڭ كۈلىمىزنى كۆككە سورۇۋېتەلەيدىغاندەك قىلىدۇ. بۇ دەھشەتلىك ئاپەتتىن ئامان - ئېسەن قۇتۇلۇپ كېتىشنىڭ بىرەر ئامالى تېپىلماسمۇ؟ - قورقما، بالام، - دېدى كۆپ ئىشلارنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن قېرى قومۇش يىراقتىكى قويۇق ئورماننى كۆرسىتىپ، - بوران نېمە ئۈچۈن ئورمانغا تېگەلمەيدۇ، يالغۇز دەرەخنى قومۇرۇۋېتەلەيدۇ؟ چۈنكى، ئورمانلىقتىكى سان - ساناقسىز دەرەخلەر بىر - بىرى بىلەن زىچ گىرەلىشىپ تەڭداشسىز كۈچ - قۇدرەت ھاسىل قىلغان، يالغۇز دەرەى بولسا ئۆز توپىدىن ئايرىلىپ يالغۇز قالغان، شۇڭا... - ئەمما بىزنىڭ جۇغىمىز ئۇ دەرەخنىڭ ئىنچىكە شېخىچىلىكمۇ بولمىسا... - شۇنداق، بىز دەل - دەرەخ ئالدىدا تولىمۇ كىچىك، تولىمۇ ئاۋاقمىز، لېكىن شۇ يېرىمىز ئارتۇقكى، بىز ئۇلارغا قارىغاندا تېخىمۇ زىچ، قويۇق، ھېچقانچان بىر - بىرىمىزدىن ئايرىلىپ كەتمەيمىز، گىرەلىشىپ ياشىغىنىمىز ياشىغان، شۇڭىلاشقا ھەر قانداق دەھشەتلىك بورانمۇ بىزنى ھېچنېمە قىلالمايدۇ، شۇنى مەڭگۈ ئېسىڭدە چىڭ تۇتقىنكى، كۈچ - ئۆملۈكتە؟!
← بارلىق تېمىلار ماسال
كۈچ - ئۆملۈكتە | UyghurWiki | UyghurWiki