UyghurWiki
UyghurWikiماسالھەسەل ھەرىسىنىڭ خىسلىتى

ھەسەل ھەرىسىنىڭ خىسلىتى

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى ھەسەل ھەرىسىنىڭ ناھايىتى قىسقا ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئىشچى ھەرىنىڭ ئاران 35 كۈن ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان تاشپاقا ھەسەل ھەرىسىنىڭ يېنىغا ئۆمىلەپ كېلىپ: - ئۇكام ھەرىجان، سەن شۇنچە جاپا چېكىپ نېمە قىلىسەن؟ ئارتۇق جاپا جانغا جازا. تومۇزغىنىڭ 17 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان بولغىيدىڭ؟ - دەپتۇ. - مەن ئۇنداق ياشاشقا خۇشتار ئەمەس. تومۇزغىغا ئوخشاش تەييارغا ھەييار بولۇپ ياشاش مەن ئۈچۈن نومۇس، - دەپتۇ ھەسەل ھەرىسى. - ئۇنداقتا، ئاق تۇرنىنىڭ 60 يىل ئۆمۈر كۆرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ - مەن ئاق تۇرنىدەك دۇنيادىن بىغەم ئۆتۈشنىمۇ راۋا كۆرمەيمەن. - بولىدۇ ئەمىسە، مەندىن ئۆگەنگىن، ئەگەر ماڭا ئوخشاش پۈتۈن قىشنى ئۇخلاپ ئۆتكۈزۈشنى ئۆگىنىۋالساڭ، 100 ياش تۇرماق، 0100اشقا كىرىشىڭدىمۇ گەپ يوق... - ياخشى كۆڭلۈڭگە رەھمەت، - دەپتۇ ھەسەل ھەرىسى گەپنىڭ بېلىگە تېپىپ، - مېنىڭ ئۆمرۈم قىسقا بولسىمۇ، ئىنسانلار ئۈچۈن قوشىدىغان تۆھپەم چوڭ، بۇ مېنىڭ ئۆمرۈمدىكى ئەڭ زور خۇشاللىقىم! ئاغزى تۇۋاقلانغان تاشپاقا زۇۋان سۈرەلمەپتۇ. ھەسەل ھەرىسىنى غوڭۇلداپ ئۇچۇپ، گۈللۈككە كىرىپ كېتىپتۇ.
← بارلىق تېمىلار ماسال
ھەسەل ھەرىسىنىڭ خىسلىتى | UyghurWiki | UyghurWiki