ئۈستەل چىرىغى
ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى
ئۈستەل چىرىغى ئۆزىنىڭ ئاپئاق يۈزىدىن نۇر چاچالايدىغانلىقى ئۈچۈنلا مەغرۇرلىنىشقا ئەرزىيمەن دەپ ھېس قىپتۇ - دە، بېشىغا تاج، ئۈستىگە چىرايلىق گۈللۈك كىيىم كىيىپ، كۆرەڭلىك بىلەن گىدىيىپ ئولتۇرىدىغان بولۇۋاپتۇ. ئۇ بىردىنبىر كۆڭلىگە ياقمايدىغان نەرسىنىڭ ئاشۇ سۆرۈلۈپ بىللە يۈرگەن توك سىمى ئىكەنلىكىنى سېزىپتۇ - دە، تەرىنى تۈرۈپ توك سىمىغا ۋارقىراپ:
- مەن سەندىن بەكمۇ تويدۇم! سەن نېمىشقا ماڭا قۇيرۇق بولۇۋېلىپ، شۆھرىتىمگە ئورتاقلىشىۋالىسەن! سەن بولغاچقىلا، كىشىلەر مېنى قۇيرۇقۇڭ بار ئىكەن دەپ، يەرگە قارىتىدۇ ھەم ئەركىنلىكىمنى چەكلەيدۇ. سەن ئىززىتىڭنى بىلىپ، تېز كۆزۈمدىن يوقال! - دەپتۇ ۋە >قۇيرۇق< نى تاشلىۋېتىپتۇ. شۇنىڭدىن باشلاپ چىرايلىق ئۈستەل چىرىغى قايتا نۇر چاچالماپتۇ، ئۆي ئىگىسى ئۇنى ئۇششاق - چۈششەك نەرسىلەرنى ساقلايدىغان ئۆينىڭ بولۇڭىغا چۆرۈۋېتىپتۇ.