UyghurWiki
UyghurWikiماسالكۆچەت بىلەن بالا

كۆچەت بىلەن بالا

ئۇيغۇر خەلق مەسەللىرى بالا: كۆچەت ساڭا بولاي ئاداش. سايەڭدە مەن، ئويناي ئاداش. كۆچەت: سەن بىلەن ھېچ ئوينىغۇم يوق. سېنىڭسىزمۇ دوستلىرىم كۆپ. بىر كۈزدە سەن ماڭا كەلدىڭ. بېلىمنى ھەم سۇندۇرۇۋەتتىڭ. قاقشاپ - قاقشاپ، يىغلاپ كەتىم. قىش كەلگەندە توڭلاپ كەتتىم. ئىچى ئاغرىپ، بالىلارنىڭ؛ كەڭ، پايانسىز دالالارنىڭ؛ ئېيتتى ئۇلار نەپرەت ساڭا. نۇرغۇن پاخال ياپتى ماڭا. ئىككى يازچە ئوغۇت تۆكتى. يۇمشىتىپ كۆپ، سۇلار تۇتتى. شۇندىن كېيىن، ياشنىدىم مەن. شۇڭ سۈرۈشكە، باشلىدىم مەن. ئاڭلاپ كۆچەت سۆزىن بالا. خىجىل بولدى، ئويلاپ تولا.
← بارلىق تېمىلار ماسال
كۆچەت بىلەن بالا | UyghurWiki | UyghurWiki